يەنە بىر خەلقئارالىق يىغىلىشتا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈلدى

26-ئىيۇن ئىستانبۇلدا «ھىندىستان ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان ئاياللارنى قوللاش مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى قىز-ئاياللار دۇچ كەلگەن ئېچىنىشلىق ۋەزىيەت تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلدى.

خەلقئارا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قوغداش مەجلىسى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مەشھۇر ئۆلىمالار، ئىسلامىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم ۋە پاتىمە ئۇجاتلى خانىم شەرقىي تۈركىستان ئاياللىرىغا ۋاكالىتەن مۇھاكىمە يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى.

خەلقئارا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قوغداش مەجلىسىنىڭ رەئىسى دوكتور مۇھەممەد سەغىر سۆز قىلىپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارنى تاراتقۇلاردا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشتە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتتى.

يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ۋە ھىندىستاندىكى مۇسۇلمان ئاياللار باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئېچىنىشلىق ۋەزىيەت تونۇشتۇرۇلغان ۋىدىيولار كۆرسىتىلدى. مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم ۋە پاتىمە ئۇجاتلى خانىم سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، خۇسۇسەن خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىغا قاراتقان ۋەھشىيانە جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

مۇنەۋۋەر ئۆز ئۇيغۇر خانىم سۆزىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان قىز-ئاياللارنىڭ بارلىق ئەقەللىي ئىبادەتلەردىن مەھرۇم قالدۇرۇلغانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاي رېجىمىنىڭ جازا لاگېرىدا قىيىن-قىستاققا ئېلىش، ئاياغ-ئاستى قىلىش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، پەرزەنتلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىش قاتارلىق ۋەھشىيانە جىنايەتلىرىنىڭ نىشانىغا ئايلانغانلىقىنى، بۇ ھەقتە ئاۋاز چىقىرىش بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنى ئەرەب تىلىدىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرى تەرىپىدىن مەخسۇس خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىسلام دۇنياسىغا تونۇشتۇرۇشتىكى يەنە بىر مۇھىم يىغىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

خەلقئارا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قوغداش مەجلىسى بۇلتۇر ئۆكتەبىر ئېيىدا ئىستانبۇلدا «خەلقئارا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قوللاش جەمئىيىتى»نى تەسىس قىلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى بىلەن يېقىن ئالاقە ئورنىتىپ كەلمەكتە ۋە شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ كەلمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 4037 قېتىم كۆرۈلدى
27/06/2022 13:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق