ئامېرىكىنىڭ چارلىغۇچى ئايروپىلانى تەيۋەن بوغۇزىنى كېسىپ ئۆتتى

خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدىكى زېمىن دەۋاسى ۋە زومىگەرلىكىنى كۈچەيتىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكىنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى «P-8A» تىپلىق چارلىغۇچى ئايروپىلانى تەيۋەن بوغۇزىنى كېسىپ ئۆتتى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئارمىيەسى شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئامېرىكىنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى «P-8A» چارلىغۇچى ئايروپىلانىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

نارازىلىق باياناتىدا: «24-ئىيۇن ئامېرىكىنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى P-8A تىپلىق چارلىغۇچى ئايروپىلانى تەيۋەن بوغۇزىنى كېسىپ ئۆتتى ھەمدە ئۆزىنى ئاشكارا كۆز-كۆز قىلدى. خىتاي ئارمىيەسى شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى تەشكىللىگەن ھاۋا بوشلۇقى ۋە يەر يۈزىدىكى ھەربىي كۈچى ئامېرىكا ئايروپىلانىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى نازارەت قىلىپ كۆزەتتى. ئامېرىكىنىڭ قىلمىشى رايون ۋەزىيىتىگە قەستەن كاشىلا تۇغدۇرۇپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزدى. بىز بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز. ئۇرۇش رايونىدىكى قىسىملار ھەر ۋاقىت يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدايدۇ» دەپ جار سېلىنغان.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىكى زېمىن دەۋاسى ۋە ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرى داۋاملىق كۈچەيگەن بولۇپ، رايوندىكى دۆلەتلەرگە كۆپلىگەن ئاۋارىچىلىكلەرنى تۇغدۇرغان. بۇ سەۋەبلىك ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى تەيۋەن قاتارلىق رايوندىكى دۆلەتلەرنى خىتايغا قارشى قوللاش بىلەن بىرگە، رايوندىكى ھەربىي تەسىرىنى كۈچەيتمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 902 قېتىم كۆرۈلدى
27/06/2022 14:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق