خىتاي ئافغانىستاندىكى تەسىرىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنماقتا

تالىبان ئافغانىستاننىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، خىتاي ئىزچىل ھالدا تالىبان ھۆكۈمىتى بىلەن يېقىن ئالاقە ئورنىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن ئېغىر يەر تەۋرەشتىن كېيىن 50 مىليون يۈەن ياردەم قىلماقچى بولغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 25-ئىيۇن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ ئافغانىستانغا 50 مىليون يۈەن جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە چېدىر، ئەدىيال، كارىۋات قاتارلىق ئافغانىستاندىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان ماددىي ئەشيالار بارلىقىنى، ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ 27-ئىيۇن ئايروپىلان ئارقىلىق توشۇلىدىغانلىقىنى، كېيىنكى قەدەمدە خىتاي ئافغانىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى بىلەن ماسلىشىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي بۇيۇملىرىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئافغانىستان خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 22-ئىيۇندىكى يەر تەۋرەش ئافغانىستاندا 20 نەچچە يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر يەر تەۋرەش بولۇپ، ئاز دېگەندە 1500 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان، 2000 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان، 3000 دىن ئارتۇق ئۆي ۋەيران بولۇپ، ئۆلگەنلەر ۋە يارىلانغانلار داۋاملىق كۆپەيگەن.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ قوشنىسى بولغان ئافغانىستاندا بۇلتۇر تالىبانلار ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ، «ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكى»نى قۇرغاندىن كېيىن، خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىگە بولغان ئەندىشىسى بارغانسېرى كۈچىيىشكە باشلىغان ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا قوشنا دۆلەتلىرىنى قولغا كەلتۈرگىنىدەك، تالىبان ھاكىمىيىتىنىمۇ قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۈرلۈك دىپلوماتىك ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سالماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 776 قېتىم كۆرۈلدى
27/06/2022 14:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق