ناتو خىتايغا قارشى ئالاھىدە قىسمىنى سەككىز ھەسسە كېڭەيتمەكچى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى «يېڭى ئىستراتېگىيە تەسەۋۋۇرى»نىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، تېز ئىنكاس قايتۇرۇش قىسمىنى سەككىز ھەسسىگە يېقىن كېڭەيتىشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى پىلاندا خىتاي تۇنجى قېتىم تاقابىل تۇرۇشقا تېگىشلىك خىرىس قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى جېنس سىتولتېنبېرگ 27-ئىيۇن بايانات ئېلان قىلىپ، يېڭى «ئىستراتېگىيە رىقابىتى دەۋرى»گە قارىتا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئاكتىپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 40 مىڭ كىشىلىك تېز ئىنكاس قايتۇرۇش قىسمىنى سەككىز ھەسسە كېڭەيتىپ، 300 مىڭغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بۇ پىلانىدا تۇنجى قېتىم خىتاينى تاقابىل تۇرۇشقا تېگىشلىك خىرىس قاتارىغا كىرگۈزگەن.

سىتولتېنبېرگنىڭ كۆرسىتىشىچە، تېز ئىنكاس قايتۇرۇش قىسمىنى كېڭەيتىش ۋە بىر قىسىم دۆلەتلەرگە مۇداپىئە كۈچى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى تەدبىرلەر بولسا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن بۇيانقى كوللېكتىپ مۇداپىئە ۋە كۈچ جەھەتتىكى ئەڭ چوڭ ئىسلاھاتى ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇ باياناتىدا: «بىز شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ تېز ئىنكاس قايتۇرۇش كۈچىنى ئىسلاھ قىلىپ، تېز ئىنكاس قايتۇرۇش قىسمىمىزنى 300 مىڭ كىشىلىكتىن ئارتۇق قوشۇن قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، سىتولتېنبېرگ بۇ سۆزىنى مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتا ئېچىلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ 30 كىشىلىك باشلىقلار يىغىنىدىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ قېتىملىق يىغىندا ناتو رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئۇكرائىناغا داۋاملىق ياردەم قىلىشقا ۋەدە بېرىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى 2010-يىللىق «يېڭى ئىستراتېگىيە تەسەۋۋۇرى»نى ئېلان قىلغاندا، رۇسىيەنى ئىستراتېگىيەلىك شېرىك دەپ تەسۋىرلىگەن. سىتولتېنبېرگ رۇسىيە ھەققىدە توختىلىپ: «رۇسىيە ناتونىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ھەمكارلىق ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىدىن ۋە سۆھبەتتىن يىراقلاشتى، دىيالوگنىڭ ئورنىغا قارشىلىشىشنى تاللىدى. بىز بۇنىڭدىن ئەپسۇسلىنىمىز. ئەمما بىز ئەلۋەتتە نۆۋەتتىكى رېئاللىققا جاۋاب قايتۇرۇشىمىز كېرەك» دېگەن.

ستولتېنبېرگ باياناتىدا يەنە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاينى «بىخەتەرلىك ئۈچۈن خىرىس» دەپ ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ جەنۇبتىكى قوشنىلىرىغا بولغان تەسىرىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

سىتولتېنبېرگ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغاننىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ھارپىسىدا فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيەنىڭ پىرېزىدېنتلىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە قوشۇلغانلىقىنى ئېيتقان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 871 قېتىم كۆرۈلدى
28/06/2022 12:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق