بايدېن خىتاينىڭ دېڭىزدىكى قانۇنسىز ھەرىكىتىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتمەكچى

ئامېرىكا خەلقئارا ئورگانلار ۋە ھۆكۈمەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، قانۇنسىز بېلىق تۇتۇشقا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان «قانۇنسىز، دوكلات قىلىنمىغان ۋە تەرتىپسىز» بېلىق تۇتقان دۆلەتلەرگە قارىتا بىخەتەرلىك مېموراندۇمى ئىمزالىغان. ئاقساراي بۇنىڭدىن كېيىن تەيۋەن ۋە ۋىيېتنام بىلەن قانۇنسىز بېلىق تۇتۇش ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇشتا ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭدا خىتاينى نىشان قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 27-ئىيۇن قانۇنسىز بېلىق تۇتۇشقا قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى تۇنجى دۆلەت بىخەتەرلىك مېموراندۇمى ئىمزالىغان. بۇنىڭدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا ئورگانلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، قانۇنسىز بېلىق تۇتۇشنى ۋە مۇناسىۋەتلىك جىنايى قىلمىشلارنى چەكلەش تەلەپ قىلىنغان. ئۇندىن باشقا، ئامېرىكا يەنە ۋىيېتنام، تەيۋەن قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاقساراي باياناتىدا كېيىنكى قەدەمدە كانادا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ، جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، قانۇنسىز، دوكلات قىلىنمىغان ۋە كونترول قىلىنمىغان بېلىقچىلىقنى تەكشۈرۈش، كونترول قىلىش ۋە نازارەت قىلىش بىرلەشمىسىگە ئەزا بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتكەن.

مېموراندۇمدا ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىقى، مۇداپىئە ئىشلىرى، دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى ۋە باشقا قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىنىڭ شەخسىي ۋە چەت ئەللىك شېرىكلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، «دېڭىز-ئوكيان بىخەتەرلىكى»نى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئادەم ئەتكەسچىلىكى، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە باشقا بېلىقچىلىققا چېتىشلىق جىنايەتلەرنى تۈگىتىشكە تىرىشىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئاقساراينىڭ تارىخىدا تۇنجى قېتىم قانۇنسىز، دوكلات قىلىنمىغان ۋە تەرتىپسىز بېلىق تۇتۇش مەسىلىسىنى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مېموراندۇمىغا كىرگۈزۈشى ھېسابلىنىدىكەن.

ئاقساراي 27-ئىيۇن دۆلەت بىخەتەرلىك مېموراندۇمىغا ئىمزا قويغاندىن باشقا، ئامېرىكىنىڭ ئېكۋادور، پاناما، سېنېگال، تەيۋەن ۋە ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتاينىڭ قانۇنسىز بېلىق تۇتۇش ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي يىللاردىن بېرى بېلىق تۇتۇش باھانىسى بىلەن، قوراللانغان كېمىلەرنى ھەرقايسى دېڭىز تەۋەلىكلىرىدىكى تالاش-تارتىشلىق رايونلارغا ئەۋەتىپ، ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 749 قېتىم كۆرۈلدى
28/06/2022 14:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق