راي سىناش نەتىجىسى: گېرمان خەلقى خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا قارشى

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ خەلقئارادا پاش بولۇشىغا ئەگىشىپ، گېرمانىيە ئىستېمالچىلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا بولغان قارشىلىقى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، ئەڭ يېڭى راي سىناش نەتىجىسىمۇ بۇ يۈزلىنىشنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى نۆۋەتتە گېرمانىيە سىياسەتچىلىرى ۋە خەلقى دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، «Civey» ناملىق ئەل رايىنى تەكشۈرۈش ئورگىنى بۇ ھەقتە مەخسۇس راي سىنىغان. نەتىجىدە كۆپ قىسىم گېرمانىيەلىكلەر خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا قارشى مەيدانىنى بىلدۈرگەن.

5000 دىن ئارتۇق گېرمانىيەلىك قاتناشتۇرۇلغان مەزكۇر راي سىناش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، %71 ئىستېمالچى مەھسۇلاتلارنىڭ مەلۇم ئىشلەپچىقىرىلىش جەريانىغا مەجبۇرىي ئەمگەك ئارىلاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن تەقدىردە، بۇ تۈرلۈك مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلەشكە مايىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. %56 ئىستېمالچى مەھسۇلاتلار گۇمانلىقلا بولغان تەقدىردە، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتى سۈپىتىدە قەتئىي چەكلەشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇندىن باشقا %67 گېرمانىيەلىك ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى تاقاشنى قوللىغان.

راي سىناشقا قاتناشقانلارنىڭ ئىچىدە گېرمانىيە يېشىللار پارتىيەسىنى قوللىغۇچىلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش مەيدانى ئەڭ كەسكىن بولۇپ، %88 كە يەتكەن. قالغان پارتىيەنى قوللىغۇچىلارنىڭ ئىچىدىمۇ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلار ئومۇمەن %50 تىن يۇقىرى بولغان.

نۆۋەتتە ۋولكىسۋاگېن شىركىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى زاۋۇتىنى داۋاملىق ئىشقا كىرىشتۈرۈۋاتقانلىقى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرىنى ئۆز مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەپ كەلگەنلىكى سەۋەبلىك كۈچلۈك تەنقىدكە دۇچ كەلمەكتە. 2013-يىلىدىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىش ئورنى قۇرۇپ چىققان ۋولكىسۋاگېن شىركىتى بولسا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە مەجبۇرىي ئەمگەك يوقلۇقىنى دەۋا قىلىپ كەلمەكتە.

گېرمانىيە ئىقتىساد مىنىستىرى بۇ ئاينىڭ بېشىدا بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، كىمكى شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ، جازا لاگېرلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى زاۋۇتلارغا مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرماقچى بولسا، بارلىق خەۋپ-خەتەرگە شۇ شىركەتلەرنىڭ ئۆزى مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 813 قېتىم كۆرۈلدى
28/06/2022 15:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق