خىتاي تەيۋەنلىك ۋەكىللەرنىڭ ب د ت يىغىنىغا قاتنىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلدى

ب د ت ئوكيان يىغىنى 27-ئىيۇن پورتۇگالىيەدە ئېچىلغان بولۇپ، خىتاي ب د ت دىكى تەكشۈرۈش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، تۇۋالۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ئۈچ تەيۋەنلىكنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ب د ت ئوكيان يىغىنىغا قاتناشقان مۇستەقىل ئارال دۆلىتى تۇۋالۇنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدە ئۈچ تەيۋەنلىك بار بولۇپ، خىتاي ب د ت دىكى سالاھىيەت تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىقى ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، مەزكۇر ئۈچ تەيۋەنلىكنىڭ يىغىنغا قاتنىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان.

خىتاي بۇ ھەقتە تۇۋالۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە تەھدىت سېلىپ، مەزكۇر ئۈچ تەيۋەنلىكنى ۋەكىللەر تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىشى كېرەكلىكىنى، بولمىسا پۈتۈن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاتنىشىش سالاھىيىتىنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تۇۋالۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىمون كوفې ۋەكىللەر ئۆمىكىنى يىغىنغا قاتناشتۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتايغا نارازىلىقىنىمۇ بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۈچ تەيۋەنلىك ۋەكىل بىلەن بىرگە يىغىندىن ئايرىلغان.

تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 27-ئىيۇن بۇ ھەقتە خىتاينى قاتتىق ئەيىبلەپ، خىتاينىڭ ب د ت دىكى ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلغانلىقىنى ۋە تەيۋەننىڭ دوستى تۇۋالۇنى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تىزىملىكىنى قايتا تۈزۈشكە قىستىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە: «بۇ قىلمىش خىتاينىڭ ناچار خاراكتېرىنى كۆرسىتىپ بەردى» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىللىق ب د ت ئوكيان يىغىنى 27-ئىيۇندىن 1-ئىيۇلغىچە پورتۇگالىيەنىڭ لىسبون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. يىغىندا دېڭىز-ئوكيان بۇلغىنىشى، دېڭىز-ئوكياننى قوغداش ۋە دېڭىز-ئوكيان بايلىقىنىڭ سىجىل ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق كونكرېت مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى تەيۋەننىڭ خەلقئارالىق يىغىنلارغا قاتنىشىشىغا قاتتىق توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرخىل دىپلوماتىك ۋاسىتىلەردىن، خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىكى تۈرلۈك ئىمتىيازلىرىدىن پايدىلانماقتا. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى بولسا تەيۋەننىڭ خەلقئارالىق مۇنبەرلەردە يېتەرلىك ئورۇنغا ۋە سالاھىيەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 697 قېتىم كۆرۈلدى
29/06/2022 11:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق