خىتاينىڭ بەش شىركىتى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بەش شىركىتىنى رۇسىيەنىڭ ھەربىي سانائىتىنى قوللىغانلىق سەۋەبلىك، سودا قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتى 28-ئىيۇن رۇسىيەنىڭ ھەربىي ۋە مۇداپىئە سانائەت بازىسىنى قوللىغانلىقى سەۋەبلىك ئالتە شىركەتنى سودا قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بەش شىركەت خىتايغا تەۋە شىركەت ئىكەن.

ۋاشىنگتون تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھەرىكەت ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە قارىتىلغان جازانى ئىجرا قىلىش ئىرادىسى ۋە كۈچىنى نامايان قىلىدىغان بولۇپ، بۇ بەش ئورۇندىن باشقا، خىتايغا باغلانغان 20 ئورۇن ئىرانغا ياردەم بەرگەنلىكى ياكى ھەربىي تېخنىكىنى قوللىغانلىقى سەۋەبلىك ئوخشاش كۈندە قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن. مەزكۇر ئورۇنلارنىڭ ئىچىدە خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قارمىقىدىكى بىر ئىنستىتۇت بىلەن خىتاينىڭ كېمىسازلىق گۇرۇھىمۇ بار ئىكەن.

سودا قارا تىزىملىكىنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولغان ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، قارا تىزىملىكى بەش خىتاي شىركىتى رۇسىيەنىڭ 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا كەڭ كۆلەمدە تاجاۋۇز قىلىشتىن ئىلگىرى قارا تىزىملىكتىكى رۇسىيە ئورگانلىرىنى مال بىلەن تەمىنلىگەن. رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىنمۇ توختامنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇلارنى مال بىلەن تەمىنلىگەن.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «بۈگۈنكى بۇ ھەرىكەت دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئورگان ۋە شەخسلەرگە كۈچلۈك بىر ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى. ئەگەر ئۇلار رۇسىيەنى قوللاش خام خىيالىدا بولسا، ئامېرىكا ئۇلارنى يېتىم قالدۇرىدۇ» دېيىلگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىخانىسى ھازىرچە بۇنىڭغا ھېچقانداق  ئىنكاس قايتۇرمىغان. رۇسىيە ئارمىيەسىگە ياردەم بېرىش سەۋەبلىك ئەيىبلەنگەن خىتاينىڭ بەش شىركىتى خوڭكوڭدىكى جېدا ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتى، شىننو ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتى، جىنپەي تېخنىكا شىركىتى، ۋېيكې ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتى ۋە كونېك ئېلېكتىرون شىركىتى قاتارلىقلار ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تەمىنلىگۈچى شىركەتلىرى سودا قارا تىزىملىكتىكى شىركەتلەر بىلەن سودا قىلىشتىن ئىلگىرى، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىدىن ئېكسپورت قىلىش ئىجازەتنامىسى ئېلىشى كېرەك ئىكەن. رۇسىيە ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى رۇسىيەنىڭ نۇرغۇن شىركەتلىرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ جازالىغان. ئۇندىن باشقا تىزىملىكتىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا سودا تارماقلىرى رۇسىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، لىتۋانىيە، پاكىستان، سىنگاپور، ئەنگلىيە، ئۆزبېكىستان ۋە ۋىيېتنامدىكى بىر قىسىم شىركەت ياكى ئورگاننى قارا تىزىملىككە قوشقان. ئەمما قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن 36 ئورۇننىڭ 25 ى خىتايدىكى تىجارەتنى ئاساس قىلغان شىركەت، ئورگانلار ئىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 834 قېتىم كۆرۈلدى
29/06/2022 13:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق