خىتاي مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنىنىڭ تەسىرىنى تۆۋەنلىتىشكە ئۇرۇنماقتا

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ھەپتە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نى رەسمىي ئىجرا قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، خىتاي بۇنىڭغا تۈرلۈك ئۇسۇللاردا نارازىلىق بىلدۈرگەندىن باشقا، تەسىرگە ئۇچرىغان شىركەت-كارخانىلارنى قانۇنىي ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى.

خىتاي خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى بۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى رەسمىي ئىجرا قىلىشقا باشلىغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ھەققىدە توختالغان. ئۇ سۆزىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە خىتاي شىركەتلىرىگە زەربە بەرگەنلىكى، بازار پىرىنسىپىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.

خىتاي باياناتچىسى مەزكۇر قانۇننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان شىركەت-كارخانىلارنى ئۈچ تۈرلۈك تەدبىر ئاساسىدا قانۇنىي ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇنىڭ بىرىنچىسى خىتاينىڭ «چېگرا ھالقىغان سودا مەبلىغى قانۇنىي ياردەم سۇپىسى»غا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»غا قارىتا مەخسۇس سەھىپە ئېچىپ، ئالاقىدار خەۋەر، ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەش ۋە بۇ ھەقتە مەخسۇس تەربىيەلەش مۇلازىمىتى سۇنۇش ئىكەن. ئىككىنچىسى بولسا تەسىرگە ئۇچرىغان ھەرقايسى شىركەتلەرگە مەخسۇس مۇتەخەسسىس ئەۋەتىپ، قانۇنىي ياردەم مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئىكەن. ئۈچىنچىسى شىركەتلەرنى تەكشۈرۈش ۋە تەربىيەلەشكە تەشكىللەپ، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئىكەن.

خىتاي باياناتچىسى سۆزىدە يەنە نومۇسسىزلىق بىلەن، ئامېرىكا سودا-سانائەت ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا سودا-سانائەت ساھەسىنى بىرلىكتە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نىڭ «سەلبىي تەسىرى»نى ئازايتىشقا، ئامېرىكىنى بۇ قانۇننى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ئۈندەشكە چاقىرىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئالدىنقى ھەپتە، يەنى 21-ئىيۇندىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، مەزكۇر قانۇنغا ئاساسەن، شىركەت-كارخانىلار ئېنىق دەلىل-ئىسپات كەلتۈرمىگەن تەقدىردە، شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان بارلىق مەھسۇلاتلار مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتى دەپ قارىلىدۇ ۋە ئىمپورت قىلىنىشى چەكلىنىدۇ.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1033 قېتىم كۆرۈلدى
29/06/2022 15:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق