خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى تارىختىكى ئەڭ ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىگە دۇچ كەلدى

خىتاينىڭ بىر قىسىم ئۆلكىلىرى يېقىنقى كۈنلەردە قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن تارىختا ئاز كۆرۈلىدىغان كەلكۈنگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئۈنۈملۈك مۇداپىئەلىنىشكە ئامالسىز قالغان.

خىتاي سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ئاخىرىغىچە جۇجياڭ ۋادىسىدىكى شىجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىنىدىكى ئاساسلىق ئېقىنلار، گۇاڭشىدىكى ليۇجياڭ دەرياسى ۋە گۈيجياڭ دەرياسى، گۇاڭدۇڭدىكى بېيجياڭ دەرياسى، خۇنەندىكى شياڭجياڭ دەرياسى، جياڭشىدىكى شيۇشۈي ۋە جېجياڭدىكى چيەنتاڭ دەرياسى، فۇجيەندىكى جيەنشى دەرياسى قاتارلىق 99 دەريادا كەلكۈن ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسىدىن ئېشىپ كەتكەن. 22-ئىيۇن سائەت 14:00 دە گۇاڭدۇڭنىڭ يىڭدې شەھىرىدە سۇ ئورنى 35.97 مېتىرغا يېتىپ يۇقىرى پەللىگە چىققان. بۇ 1915-يىلىدىن بۇيان شۇ رايوندا يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر كەلكۈن ھېسابلىنىدىكەن.

نۆۋەتتە دەريا ئەتراپىدىكى ئۆيلەر پۈتۈنلەي سۇ ئاستىدا قالغان بولۇپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى يىڭدې شەھىرىنىڭ ئابىدىسى بولغان ۋېنفېڭ مۇنارىلا يالغۇز سۇدا كۆرۈنۈپ تۇرغان. تەبىئىي ئاپەتلەر تېز سۈرئەتتە يۈز بېرىپ جىددىي ئېغىرلاشقان بولۇپ، كەلتۈرگەن زىيىنى ۋە كىشىلەرگە كۆرسەتكەن تەسىرىنى مۆلچەرلەش قىيىن ئىكەن.

ئۇندىن باشقا خىتاينىڭ بىر قىسىم جايلىرى يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتايدا ئۇدا نەچچە كۈن داۋاملاشقان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا نۇرغۇن جايلاردىكى ئېلېكتىر تورىنىڭ يۈكىنى يېڭى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن. ھاۋا تەڭشىگۈچ كۆپلەپ ئىشلىتىلگەنلىكتىن، توك تەمىنلەشكە بېسىم پەيدا قىلغان. ئالدىنقى ھەپتە خىتاينىڭ شىمالىي ۋە ئوتتۇرا قىسمىدىكى بەزى رايونلاردا تېمپېراتۇرا 40 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتكەن. خىتاي ئېلېكتىر تورى شىركىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا شەندۇڭ، خېنەن، شەنشى قاتارلىق جايلاردا ئېلېكتىر يۈكى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە كەلگەن.

خىتاي كىلىمات مەركىزى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ماي ئېيىنىڭ بېشىدىن بۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، فۇجيەن، گۇاڭدۇڭ ۋە گۇاڭشىدا ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 621 مىللىمېتىرغا يەتكەن بولۇپ، 1961-يىلىدىن بۇيانقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن.

توردىكى سىن كۆرۈنۈشلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شاۋگۇەن، گۇاڭدۇڭ، جيەنۇ، فۇجيەن، ياڭشۇ، گۇاڭشى قاتارلىق جايلاردىكى كەلكۈندە كوچىلارنى سۇ باسقان. بىر قىسىم خىتايلار كەلكۈننىڭ قورشاۋىدا قالغان. يەر يۈزى تۆۋەن رايونلاردا ياشايدىغان ئاھالىلەردىن ئېگىز رايونلارغا ۋاقىتلىق كۆچۈش تەلەپ قىلىنغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 728 قېتىم كۆرۈلدى
30/06/2022 10:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق