تەكشۈرۈش نەتىجىسى: خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازى بارغانسېرى ناچارلاشتى

ئەڭ يېڭى خەلقئارالىق راي سىناش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىكى پۇقرالارنىڭ خىتايغا سەلبىي قارىشى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا، گېرمانىيە ۋە كورىيە خەلقىنىڭ ئىچىدە خىتاينى تەنقىد قىلىدىغانلار ئەڭ كۆپ بولغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىدىكى «Pew تەتقىقات مەركىزى» 29-ئىيۇن تەرەققىي تاپقان 19 دۆلەتتىكى پۇقرالارنىڭ خىتايغا بولغان قارىشى ھەققىدىكى راي سىناش نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تەخمىنەن %68 كىشى خىتايغا سەلبىي قاراشتا بولغان، %79 كىشى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ناچار، دەپ قارىغان، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلار %72 نى ئىگىلىگەن.

راي سىناش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، مەزكۇر دۆلەتلەردىكى پۇقرالارنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي ھەرىكىتى، ئىقتىسادىي كۈچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە بولغان ئەندىشىسى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ۋىرۇسىمۇ ئۇلارنىڭ سەلبىي قارىشىنى كۈچەيتكەن ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، شىۋېتسىيە، ئامېرىكا، كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خىتايغا سەلبىي قارايدىغان كىشىلەرنىڭ نىسبىتى %80 تىن ئېشىپ كەتكەن.

راي سىناشقا تاللانغان 19 تەرەققىي تاپقان دۆلەتنىڭ ئىچىدە ئىسرائىلىيە، مالايشىيا ۋە سىنگاپور خەلقى خىتايغا نىسبەتەن ئىجابىي قارايدىغان بولۇپ، سەلبىي قارىغانلارنىڭ نىسبىتى يېرىمدىن ئاشمىغان. ئۇندىن باشقا بېلگىيەدە خىتايغا سەلبىي قارايدىغان پۇقرالارنىڭ نىسبىتى بۇلتۇرقىغا قارىغاندا ئازلىغان بولۇپ، %67 تىن %61 كە چۈشۈپ قالغان.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 769 قېتىم كۆرۈلدى
30/06/2022 13:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق