خىتاينىڭ تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ كېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

خىتاي رېجىمىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ كېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تايلاند دائىرىلىرىنى سەككىز يىلدىن بېرى تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 50 نەچچە ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىككە چاقىردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، نۆۋەتتە 50 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تايلاند كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى 2014-يىلىدىن بېرى تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلماقتىكەن. تايلاندتىكى خەلق ھوقۇقى فوندى باشچىلىقىدىكى ئون نەچچە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى 15-ئىيۇن تايلاند پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن پالاتاسىغا مۇراجىئەتنامە سۇنۇپ، پارلامېنتتىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان.

مەزكۇر فوندنىڭ رەئىسى بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئالدى بىلەن قىلىدىغان ئىش تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تايلاندتىكى بىخەتەرلىكىگە كاپالەت قىلىش. ئۇلار چوقۇم خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقى كېرەك. بۇ بىزنىڭ پارلامېنتقا يوللىغان ئەڭ مۇھىم ئۇچۇرىمىز» دېگەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىدا تايلاند ھۆكۈمىتى ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارغا مەخپىي ھېسداشلىق قىلىدىغان بىر ئەمەلداردىن خىتاينىڭ مەزكۇر ئۇيغۇرلارنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن كۈچەشكە باشلىغان بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ۋە بۇ ھەقتە ھەرىكەتكە ئۆتكەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە خىتاينىڭ باڭكوكتىكى باش ئەلچىخانىسى نۆۋەتتە ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بەرمىگەن.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تايلاندتىكى ئالىي تەتقىقاتچىسى سۇنەي فاسۇك: «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى كۆپ يىللاردىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئىسپاتلايدىغان نۇرغۇن دەلىل توپلىدى» دېگەن ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زور كۆلەملىك تۇتقۇن لاگېرىغا ئايلاندۇرغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ يەنە 2015-يىلىدىكى ۋەقەلەرنىڭ قايتا  يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرىكى ئىشلىرىنى قايتا تەكرارلىمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق كاپالەت بەرمىگەنلىكىنى، شۇڭا تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا خەتەر ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇراجىئەتنامىسىنى 15-ئىيۇن ئۆكتىچىلەردىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى راڭسىمان رومې تۆۋەن پالاتانىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قوبۇل قىلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ كومىتېتتىكى ئورنى ۋە پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھۆكۈمەتكە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش پىلانى تۈزۈپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

راڭسىمان رومې مۇخبىرغا يەنە: «مەن كۈچلۈك ھالدا شۇنداق قارايمەنكى، ئەگەر تايلاند ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرسە، بۇ ئۇلارنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگىنىمىز بىلەن ئوخشاش» دېگەن.

تايلاند كۆچمەنلەر ئىدارىسى بۇ ھەقتە: «تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باشقا جايغا قايتۇرۇش پىلانى يوق. بۇ خىل قارارنى باشقا ھۆكۈمەت تارماقلىرى، ئاساسلىقى دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى چىقىرىدۇ» دېگەن. تايلاندنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىگە ئىنكاس قايتۇرۇش ھەققىدىكى تەلىپىگە جاۋاب قايتۇرمىغان. تايلاند تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بولسا: «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەمەلىي ھەل قىلىش چارىسى تېپىلغانغا قەدەر، تايلاند ھۆكۈمىتى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ» دېگەن.

تايلاند ھۆكۈمىتى 2015-يىلى 7-ئايدا كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ، 173 ئۇيغۇرنى تۈركىيەگە يولغا سالغان بولۇپ، بىر ھەپتىدىن كېيىن 109 ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنىدى. بۇ مەسىلە تايلاندنىڭ ئىچى-سىرتىدا كۈچلۈك ئەيىبلەش دولقۇنىنى قوزغىغانىدى. ئەينى ۋاقىتتا تۈركىيەدىكى غەزەپلەنگەن ئۇيغۇرلار تايلاند كونسۇلخانىسىغا بېسىپ كىرىپ، دېرىزىلەرنى چېقىپ، تايلاند بايرىقىنى يىرتىپ، قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

تايلاند دائىرىلىرى شۇ ۋاقىتتا يەنە 50 ئۇيغۇرنىڭ تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ۋە تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ تەكشۈرۈشىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى ئېيتقانىدى. مەلۇم بولۇشىچە، تايلاند ھۆكۈمىتى ۋە تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىدىكى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە تايلاندا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى تەخمىنەن 56 ئىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 976 قېتىم كۆرۈلدى
30/06/2022 15:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق