يېڭى دوكلات: خەلقئارالىق شىركەتلەر بىلىپ-بىلمەي خىتايغا ياردەم بەرمەكتە

ئامېرىكىدىكى بىر تەتقىقات مەركىزى ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا، بىر قىسىم خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە جايلاشقان شىركەت، زاۋۇتلاردىن مەھسۇلات ئىمپورت قىلىش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشىغا بىلىپ-بىلمەي ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكا ۋاشىنگتونغا جايلاشقان «ئىلغار دۆلەت مۇداپىئەسى تەتقىقات مەركىزى» 30-ئىيۇن خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتىگە ئالاقىدار يېڭى دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نى ئىجرا قىلىشقا باشلىغانلىقى، ئەمما يەرشارى تەمىنلەش زەنجىرىدە يەنىلا كۆپلىگەن يوچۇقلارنىڭ بارلىقى، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ يەنىلا يەرشارى تەمىنلەش زەنجىرىگە كىرىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئاپتورى نىكول مورگرېت بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭغا قاراتمىلىق ياردەم بېرىش» پىلانىغا ئاساسەن، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى شىركەتلەرنى ئىشلەپچىقىرىش كەسپىنى شەرقىي تۈركىستانغا يۆتكەشكە رىغبەتلەندۈرگەنلىكىنى، بۇ سەۋەبلىك خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى شىركەت-كارخانىلارنىڭ مەيلى تارماق شىركەت تەرىقىسىدە بولسۇن ياكى مەبلەغ سېلىش تەرىقىسىدە بولسا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە چېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرى بىلەن شىركەت، زاۋۇتلارنىڭ زىچ باغلىنىشى بارلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك خىتاينىڭ شىركەت تورىنى تېخىمۇ توغرا باھالاش ئۈچۈن، ھەرقايسى خەلقئارالىق شىركەت-كارخانىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى چوقۇم ياخشىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

مەزكۇر دوكلاتتا خىتايدىكى شىركەت-كارخانىلار تورىنىڭ قەستەن يوشۇرۇلغانلىقى، ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشنىڭ قىيىنغا توختايدىغانلىقى، بۇ سەۋەبلىك خىتايدىن مەھسۇلات ئىمپورت قىلغان خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ بىلىپ-بىلمەي شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى كىرگۈزگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى قەيت قىلىنغان.

شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورتىنى چەكلەشنى مەقسەت قىلغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» 21-ئىيۇندىن باشلاپ ئامېرىكا دائىرىلىرى تەرىپىدىن رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 879 قېتىم كۆرۈلدى
01/07/2022 10:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق