ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرى: خىتاي خەلقئارا تەرتىپنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا

ئامېرىكا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى باشقا ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە خىتاي رېجىمىنىڭ يامان غەرەزلىك قالايمىقان قىلىشى ۋە تور ھەرىكىتىنىڭ تەھدىتىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى ھەمدە خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ چەكسىز ھەمكارلىقىنىڭ قائىدىلەرنى ئاساس قىلغان خەلقئارالىق تەرتىپنى قالايمىقان قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى 29-ئىيۇن ئىسپانىيەنىڭ مادرىد شەھىرىدە باشلانغان بولۇپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بۇ قېتىملىق يىغىندا ئېلان قىلغان يېڭى «ئىستراتېگىيە چۈشەنچىسى»دە خىتاينى تۇنجى قېتىم نۇقتىلىق ھالدا تىلغا ئالغان.

باش كاتىپ جېنس سىتولتېنبېرگ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاينى «رۇسىيەنىڭ يالغان سۆزلىرى ۋە ساختا ئۇچۇرلىرىنى تارقاتتى» دەپ ئەيىبلىگەن ۋە: «شىمالىي ئامېرىكا ۋە ياۋروپا يەر شارى خاراكتېرلىك تەھدىت ۋە خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە، بۇ تەھدىت تور ساھەسىنى، تېررورلۇقنى ۋە خىتاينىڭ خەۋپسىزلىك ئاقىۋىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، چۈنكى بۇلار بىزگە تەسىر قىلىدۇ» دېگەن.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ 2022-يىللىق يېڭى ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىسىدە يامان غەرەزلىك ھەرىكەت قىلغۇچىلارنىڭ ناتو ئىتتىپاقىنىڭ ھالقىلىق ئەسلىھەلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقى، ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرى ۋە ئەقلىي مۈلۈكلەرنى ئوغرىلىغانلىقى ۋە ناتونىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر ئەڭ مۇھىم ھۆججىتىدە يەنە: «خىتاينىڭ يامان غەرىزى ۋە مەجبۇرلاش سىياسىتى بىزنىڭ مەنپەئەتىمىز، بىخەتەرلىكىمىز ۋە قىممەت قارىشىمىزغا خىرىس ئېلىپ كېلىدۇ. خىتاي مۇھىم تېخنىكا ۋە ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنى، مۇھىم ئۇل ئەسلىھە ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئەشيالارنى، شۇنداقلا تەمىنلەش زەنجىرىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق، قائىدىلەرنى ئاساس قىلغان خەلقئارالىق تەرتىپنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇندى» دېيىلگەن.

خىتاي ئەمەلدارلىرى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي قارشىلىقنى قوزغاش ۋە يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەت ئۇرۇشى قوزغاشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن ناتونىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا قارىتا قەدەم تاشلىغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقى كېرەكلىكىنى دەۋا قىلغان ۋە: «ناتو يېڭى رايونلارغا يۈزلىنىش ۋە تەرەپلەر ئارا قۇتۇپلىشىش پەيدا قىلىشنىڭ كويىدا. دۇنيا چوقۇم ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، بۇ ئۇرۇنۇشلارنى رەت قىلىشى كېرەك» دەپ جار سالغان.

ئۇندىن باشقا ياپونىيە، كورىيە، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېللاندىيە رەھبەرلىرىنىڭ مادرىدتىكى ناتو باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشىمۇ خىتاينىڭ گۇمانىنى قوزغىغان ۋە قاتتىق بىئارام قىلغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 781 قېتىم كۆرۈلدى
01/07/2022 11:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق