ئەنگلىيە باش ۋەزىرى: خوڭكوڭدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمىز

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون ئەنگلىيەنىڭ خوڭكوڭدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى، بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، خوڭكوڭنى خوڭكوڭلۇقلارنىڭ باشقۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خوڭكوڭنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىگە 25 يىل بولغان 1-ئىيۇل كۈنىدە، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون نۇتۇق سۆزلەپ، ئەنگلىيەنىڭ خوڭكوڭدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە شۇنداقلا ئەنگلىيەنىڭ خىتاينىڭ «خوڭكوڭ خەلقى خوڭكوڭنى باشقۇرۇش سىياسىتى»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشىنى داۋاملىق كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

جونسون سۆزىدە خىتاينىڭ ئۆز ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىگە تەھدىت سالغانلىقىنى، ئەنگلىيەنىڭ بولسا سۆز قىلىش ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى، نۆۋەتتە ئەنگلىيەدە ياشاشنى تاللىغان 120 مىڭ خوڭكوڭلۇقنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى لىز تىرۇس بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا خوڭكوڭ خەلقىنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇقلىرىنىڭ داۋاملىق دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، خىتاي 2020-يىلى 30-ئىيۇن ئاتالمىش «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى»نى يولغا قويغاندىن بۇيان، دائىرىلەرنىڭ ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇپ، ئوخشىمىغان پىكىردىكى كىشىلەرنى جازالىغانلىقىنى، ھەقىقەتنى سۆزلەشكە جۈرئەت قىلغانلارنىڭ پۈتۈنلەي باستۇرۇلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1135 قېتىم كۆرۈلدى
01/07/2022 14:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق