ئەنقەرەدە خىتاي تەھدىتى توغرىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

30-ئىيۇن ئەنقەرەدە پارلامېنت ئەزالىرى، مۇخبىرلار، ئاكادېمىكلار، يازغۇچىلار ۋە تۈركىيەدىكى تەشكىلات مەسئۇللىرىدىن تەركىب تاپقان 60 كە يېقىن كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن «خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى قۇرۇپ چىققان يېڭى خىتاي ئىمپېرىيەسى ۋە ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن خىتاي تەھدىتى» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەقفى بىلەن شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەقفىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يىغىنغا پىروفېسسور، دوكتور ئەركىن ئەمەت رىياسەتچىلىك قىلغان. مۇھاكىمە يىغىنىدا ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم «خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى باندىتبېشى ماۋزېدۇڭنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىغا قارشى سىياسەتلىرى» تېمىسىدا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەقفى رەئىسى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى «يېڭى خىتاي ئىمپېرىيەسى ۋە ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن خىتاي تەھدىتى» تېمىسىدا، يىلتىز تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەلى چاكسۇ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟» دېگەن تېمىدا سۆزلىگەن.

مۇھاكىمە يىغىنى ئالاقىدار تېمىلار ھەققىدە تۈرلۈك سوئال-جاۋابلار بىلەن ئىككى سائەت داۋاملاشقان. يىغىنغا ئىشتىراك قىلغۇچىلار خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ يالغۇز تۈركىي مىللەتلەرگىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە تەھدىت ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلغانلىقىنى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تېزدىن مۇستەقىل بىر دۆلەتكە ئايلىنىشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

بۇ خەۋەر 1643 قېتىم كۆرۈلدى
01/07/2022 14:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق