قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خىزمەتلىرى تەقدىرلەندى

قىرغىزىستان ئاياللار مەجلىسى بىر نەچچە كۈن قىرغىزىستاندىكى تۈرلۈك ساھەلەردە ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان ئاياللارنى مۇكاپاتلىغان بولۇپ، قىرغىزىستاندىكى «ئاماننىساخان فوندى»نىڭ رەئىسى خەلچەم مىررەھىمۇۋا خانىممۇ بۇ قاتاردا تەقدىرلەندى.

بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن قىرغىزىستان ئاياللار مەجلىسىنىڭ تەقدىرلەش يىغىنىدا مائارىپ، سەھىيە، ئىجتىمائىي ياردەم قاتارلىق تۈرلۈك ساھە ۋە كەسىپلەردە ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن خانىم-قىزلار مۇكاپاتلانغان. بۇلارنىڭ قاتارىدا ئۇيغۇرلاردىن قىرغىزىستاندا ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان ئاماننىساخان فوندىنىڭ رەئىسى خەلچەم مىررەھىمۇۋا خانىمغا «ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنەۋۋەر يېتەكچىسى» دېگەن شەرەپ بىلەن، ئالتۇن مېدال تەقدىم قىلىنغان.

«ئاماننىساخان فوندى» قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، 2002-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، يىللاردىن بېرى قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مائارىپ، ئەدەبىيات-سەنئەت، قانۇنىي ياردەم قاتارلىق ساھەلەر بويىچە ئاكتىپ خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە. مەزكۇر فوند يەنە «ئاماننىساخان» نامىدا قەرەلسىز ژۇرنال نەشر قىلىپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 1150 قېتىم كۆرۈلدى
02/07/2022 14:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق