ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى: مىليونلىغان مۇسۇلمانلار ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانى بولماقتا

30-ئىيۇن توم لانتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى «دۇنيا مىقياسىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كەمسىتىلىش ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئەھۋالى» دېگەن تېمىدا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىندا ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى مىليونلىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئىككى ھاكىمىيەتنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ بىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، توم لانتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ بىرلەشمە رەئىسى، ئامېرىكا پارلامېنت ئەزاسى كىرىستوفېر سىمىس ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا: «دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دىنىي ئەركىنلىك ھۇجۇمغا ئۇچرىماقتا. گەرچە خىرىستىيانلار دۇنيادىكى كەڭ كۆلەمدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان دىنىي گۇرۇپپىلار قاتارىدىن بولسىمۇ، بىراق بىز ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئاساسلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قىلغان زىيانكەشلىكىگە سەل قارىيالمايمىز» دېگەن.

ئامېرىكىنىڭ يەرشارى جىنايى ئىشلار ئەدلىيەسى باش ئەلچىسى بېس ۋان شاك ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ياكى روھىنگىيادىكى مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان بىردىنبىر ۋەھشىي جىنايەت ئەمەسلىكىنى، بۇ جايلاردا يەنە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭمۇ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا ئەمەلدارلىرى دۇنيادا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بېكىتكەن ئىككى رايوندىكى مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن باشقا، ھىندىستان، ئوتتۇرا شەرق، شىمالىي ئافرىقا ۋە ياۋروپا قاتارلىق دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە مۇسۇلمانلارغا پاراكەندىچىلىك سېلىش ۋە چەكلەش ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

توم لانتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، پارلامېنت ئەزاسى ئىلخان ئۆمەرنىڭ ئېيتىشىچە، ھىندىستان، سىرىلانكا ۋە ياۋروپادا مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق ۋە جىنايى ھەرىكەتلەرنىڭ جازالانماسلىق ئەھۋالى كۈنسېرى كۈچەيگەن. سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان قاتارلىق مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان دۆلەتلەردىمۇ قىسمەن مۇسۇلمان توپى قاتتىق باستۇرۇلغان.

توم لانتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھىندىستاندا ھىندى دىنى رەھبەرلىرى ھىندى مۇرىتلىرىنى ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۆچمەنلىك ۋە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە قۇتراتقان. ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى جىددىيچىلىك بولسا مەزھەپلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇشلاردا گەۋدىلەنگەن. ياۋروپادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كەمسىتىلىش ئەھۋاللىرى مۇسۇلمانلارنىڭ كىيىنىشى ۋە ئىسلامىي ئۆرپ-ئادەتلىرىگە قارشى قانۇن چىقىرىش بىلەن ئىپادىلەنگەن. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى خاتىرە سارىيى تەرىپىدىن ئېنىقلىنىشىچە، رۇسىيەدە 420 سىياسىي مەھبۇسنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئىسلامىي ئېتىقادى سەۋەبىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان.

ئىسپات ئاڭلاش يىغىندا سۆز قىلغان ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى دىنىي ئەركىنلىكنى قوغدايدىغان دۆلەتلەردە ھاياتىي كۈچكە تولغان ۋە دېموكراتىك سىياسىي ئورگانلارنى تەسىس قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر خىتاي رېجىمىنى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىش ھەققىدە ئەيىبلىگەندىن سىرت، بېرما ئارمىيەسىنىڭ روھىنگىيا مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇش، چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش قىلمىشلىرىنىمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ بېكىتكەنىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1092 قېتىم كۆرۈلدى
02/07/2022 15:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق