بېرما ھەربىي دائىرىلىرى ۋاڭ يىنىڭ ئاڭسان سۇكى بىلەن كۆرۈشۈشىنى چەكلىدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بېرمىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، بېرما ھەربىي ھاكىمىيىتى ئۇنىڭ  ئاڭسان سۇكى بىلەن كۆرۈشۈشىنى چەكلىگەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 3-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى دۈشەنبە كۈنى ئېچىلغان 7-نۆۋەتلىك لەنكاڭ-مېكوڭ ھەمكارلىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېرمىغا بارغان بولۇپ،  ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن بېرمىنى زىيارەت قىلغان تۇنجى خىتاي ئەمەلدارى بولۇپ قالغان. بېرمىنىڭ ھەربىي ھاكىمىيىتى ۋاڭ يىنىڭ قولغا ئېلىنغان سابىق ئەمەلدار ئاڭسان سۇكى بىلەن كۆرۈشۈش تەلىپىنى رەت قىلغان.

بېرما ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ باياناتچىسى پايتەخت ناي پىي تاۋدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بېرما ھەربىي ھاكىمىيىتىنىڭ ۋاڭ يىنىڭ بېرمنىڭ سابىق رەھبىرى ئاڭ سان سۇكى بىلەن سۆھبەتلىشىشىنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە،  ۋاڭ يى 2021-يىلى بېرمىنى زىيارەت قىلىپ، ئاڭ سان سۇكى بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، بېرما ئارمىيەسى ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن ئاڭ سان سۇكى ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. بۇ يىل 6-ئاينىڭ 23-كۈنى  ئاڭ سان سۇكىغا قارىتىلغان مەلۇم رايوندا نازارەت قىلىش ھالىتى ئۆزگەرتىلىپ، ئارمىيەگە تەۋە تۈرمىدە يالغۇز سولانغان.

ئاڭ سان سۇكى ئۆتكەن يىلى سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ھاكىمىيەتتىن قوغلانغاندىن بۇيان، ناي پىي تاۋدىكى نامەلۇم جايدا نەزەربەند قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا بىر نەچچە ئائىلە ئىشچىسى ۋە ئۇنىڭ ئىتى ھەمراھ بولغان. بۇ يىل 77 ياشقا كىرگەن نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى ئاڭ سان سۇكى 150 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن بولۇپ، بىر قانچە دۆلەت بېرما ھەربىي دائىرىلىرىنى ئاڭسان سۇكى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرغان بولسىمۇ بىراق مەغلۇپ بولغان.

ب د ت 5-ئايدا تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بېرمىدا ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندىن بۇيان، 700 مىڭغا يېقىن كىشى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 845 قېتىم كۆرۈلدى
04/07/2022 14:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق