ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان كەڭ كۆلەملىك نامايىشقا چاقىرىق قىلىندى

5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 13-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان خەلقئارا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئورونلاشتۇرۇشىدا خىتاينىڭ ئىستانبۇل باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستلىرىدا كەڭ تارقالماقتا.

بۇ يىللىق نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى: "ئىرقىي قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلما" شۇئارى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا: "دۇنيا كۈنتەرتىپى ئىقتىسادىي كىرىزىس ۋە باشقا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ۋە ئىستىراتىگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق توقۇنۇشلىرى سەۋەپلىك شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى كۈنتەرتىپتىكى لايىق بولغان يېرىدە تەسىرىنى ساقلاپ قالالماسلىقتەك ئەھۋالغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەدىن باشلاپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان نامايىشلاردا پۈتۈن مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىزنىڭ خىتاي ئەلچىخانلىرىنى تىترىتىپ، بېيجىڭنى تەشۋىشكە سېلىشى مەنپەئەتلىك نەتىجىدۇر. شۇڭا ئۇشبۇ نامايىشقا چوڭ-كىچىك، قېرى-ياش، ئەر-ئايال ھەممەيلەننىڭ ھەيۋەتلىك بىر شەكىلدە خىتاي كونسۇلى ئالدىغا توپلىنىشىغا چاقىرىق قىلىمىز" دېگەنلەر بىلدۈرۈلدى.

تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ئەزا بارلىق تەشكىلات رەھبەرلىرى كەڭ خەلقىمىزنى بۇ قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا تەكلىپ قىلىپ چاقىرىقلاردا بولدى.

5-ئىيۇل ئىستانبۇلدا سائەت 11:00 باشلىنىدىغان نامايىش ئوخشاش كۈندە تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە، كونيا شەھىرىدىمۇ ئۆتكۈزۈلىدۇ، شۇنداقلا مالايشىيادىمۇ ئوخشاش شۇئار بىلەن كەڭ كۆلەملىك نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا ئىستانبۇلدىن تۆت ئورۇنغا ئاپتوبۇس ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، سەفاكۆي چارداقلى بېكەت، زەيتىنبۇرنۇ مارماراي بېكەت، باشاقشەھىر 1-ئەتاپ ۋە سەلىمپاشا ئوقۇ ئۇيغۇر مەكتىۋى ئالدىدىن قوزغىلىدۇ. قوزغىلىش ۋاقتى ئەتتىگەن سائەت 09:00 بولۇپ، پەقەت سەلىمپاشادىن 08:00 دە قوزغىلىدۇ.

 

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1472 قېتىم كۆرۈلدى
04/07/2022 15:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق