تۈركىيەدە ئەڭ تۆۋەن مائاش قايتىدىن بېكىتىلدى

تۈركىيەدە تۈرك لىراسىنىڭ دوللارغا سۇندۇرغان قىممىتى يىلدىن-يىلغا چۈشۈپ مېڭىۋاتقان بولۇپ، ھۆكۈمەت ھەر يىلى 1-ئاينىڭ بېشىدا ۋە 7-ئاينىڭ بېشىدا بولۇپ، يىلدا ئىككى قېتىم مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق ئىش ھەققىنى مەلۇم نىسبەتتە ئۆستۈرۈپ، مائاش تەڭشەيدۇ.

2022-يىلىنىڭ باشلىنىشى بىلەن تۈرك لىراسىنىڭ قىممىتى زىيادە چۈشۈپ كېتىپ، مال باھاسى ئادەتتىن تاشقىرى ئۆرلەپ كەتتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 1-ئاينىڭ بېشىدا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق ئىش ھەققى باشقا يىللارغا سېلىشتۇرغاندا خېلىلا ياخشى نىسبەتتە ئۆستۈرۈپ بېرىلدى. ئەمما رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى، خەلقئارادىكى يېمەك-ئىچمەك كىرىزىسى... قاتارلىقلار سەۋەبلىك، تۈرك لىراسىنىڭ دوللارغا سۇندۇرغان قىممىتى ھەرقانداق يىلدىكىدىنمۇ بەك چۈشۈپ كەتتى. نەتىجىدە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق مائاشىغا قوشۇپ بېرىلگەن مائاش دەسلەپكى ئۈچ ئاي ئىچىدە پارغا ئايلىنىپ كەتتى. بۇ ئەھۋال نۆۋەتتىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزگەندىن باشقا، تۈركىيەنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتى ۋە خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ، بارلىق ساھەلەرگە قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمەت بۇ قېتىملىق مائاش ئۆستۈرۈش-تەڭشەشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى 29-ئىيۇندىن باشلاپ بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى تەڭشەش ئۈچۈن مەخسۇس يىغىن ئاچتى. يىغىن ئۈچ كۈن داۋاملاشتى. يىغىندا چىققان قارارنى پىرېزىدېنت رەجەپ تاييىب ئەردوغان نەق مەيداندىن ئېلان قىلدى. مەزكۇر قاراردا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى %30 ئۆستۈرۈلگەن. 1-ئىيۇلدىن باشلاپ تۈركىيەدە ئەڭ تۆۋەن مائاش ئالىدىغان ئىشچىلارنىڭ ئايلىق مائاشى 6471 لىرا بولۇپ، ئىشچىنىڭ قولىغا نەق تېگىدىغان پۇل 5500 لىرا بولغان. بۇ مائاش تۈركىيەنىڭ قىزىل سىزىقى بولۇپ، بۇنىڭدىن تۆۋەن مائاش يوق ئىكەن. بۇ قارار 1-ئىيۇلدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.

 

كىم قانچە پۇل مائاش ئالىدۇ؟

تۈركىيەدە 2022- يىلى 1-يانۋاردىن 30-ئىيۇنغىچە بولغان ئارىلىقتىكى بىرقىسىم مائاشلار:

جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى باش نازىرىنىڭ ئايلىق مائاشى: 21330 لىرا.

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ھەرقايسى ۋىلايەت-شەھەرلەردىكى شۆبە مۇدىرىنىڭ (باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى بارلىرى) ئايلىق مائاشى: 11188 لىرا.

كادىر (باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى بار): 6854 لىرا.

ئوقۇتقۇچى: 8668 لىرا.

سوتچى (1-دەرىجىلىك): 19510 لىرا.

ساقچى باشلىقى: 11162 لىرا.

ساقچى: 9706 لىرا.

سېستىرا (تولۇق كۇرس ئۇنۋانى بار): 8351 لىرا.

ئىنژېنېر: 11440 لىرا.

مۇتەخەسسىس دوختۇر: 13312 لىرا.

تېخنىك (تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن): 7132 لىرا.

پىروفېسسور: 18369 لىرا.

تەتقىقاتچى: 10809 لىرا.

ئىمام: 9000 لىرا.

ئادۋوكات: 10934 لىرا.

پىرېزىدېنت رەجەپ تاييىب ئەردوغاننىڭ 2022-يىلىدىكى ئايلىق مائاشى 88 مىڭ لىرا ئىكەن. پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئايلىق مائاشى 40 مىڭ لىرا بولۇپ، 1-ئىيۇلدىن باشلاپ 56 مىڭ لىرا بولىدىكەن. 1-ئىيۇلدىن ئېتىبارەن پارلامېنت رەئىسى ۋە پىرېزىدېنتنىڭ ئايلىق پېنسىيە مائاشى 126 مىڭ لىرا بولىدىكەن. پېنسىيەگە چىققان مۇئاۋىن پىرېزىدېنت، مىنىستىر ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئايلىق كۈتۈنۈش پۇلى 115 مىڭ لىرادىن يۇقىرى بولىدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

بۇ خەۋەر 985 قېتىم كۆرۈلدى
04/07/2022 20:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق