ئۆزبېكىستاندا قالايمىقانچىلىق يۈز بەردى

ئىيۇل ئېيىنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى كۈنلىرى ئۆزبېكىستاننىڭ قاراقالپاقىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى نۇكۇس شەھىرىدە ئېغىر قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەن. ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئېيتىشىچە، قالايمىقانچىلىق جەريانىدا 18 ئادەم ئۆلگەن، 243 ئادەم يارىدار بولغان. يارىلانغانلارنىڭ ئىچىدە 38 كىشى ساقچى ئىكەن. ھۆكۈمەت نامايىش قىلغۇچىلاردىن 516 كىشىنى قولغا ئالغان.

قالايمىقانچىلىق ۋەقەسىنىڭ سەۋەبى بولسا، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئاساسىي قانۇندىكى قاراقالپاقىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى مۇھىم ماددىلارنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان. بۇ ۋەقە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن بىر قىسىم قاراقالپاقىستان خەلقى ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈپ، نامايىش قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن قالايمىقانچىلىق باشلانغان.

خەۋەرلەردە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قاراقالپاقىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك قانداق قانۇن ماددىلىرىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغانلىقى كونكرېت تىلغا ئېلىنمىغان. ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۆزبېكىستان ئاساسىي قانۇنىدا قاراقالپاقىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىگىلىك ھوقۇقى ئېتىراپ قىلىنغان بولۇپ، ئەگەر ئومۇمىي خەلق ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق ئۆزبېكىستاندىن ئايرىلىپ چىقماقچى بولسا، خالىغان ۋاقىتتا ئايرىلىپ چىقسا بولىدىغانلىقى ئېنىق بېكىتىلگەنىكەن. ئەمما ئۆزبېكىستان پىرېزدېنتى شەۋكەت مىرزىيويوف يېقىندا ئاساسىي قانۇننى ئىسلاھ قىلىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ يېڭى لايىھەگە قاراقالپاقىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت ئىكەنلىكى ۋە خالىغان ۋاقىتتا ئومۇمىي خەلق ئاۋازغا قويۇش بىلەن مۇستەقىل بولۇش ھوقۇقى بارلىقىغا دائىر مەزمۇنلار كىرگۈزۈلمىگەن.

بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن شەۋكەت مىرزىيويوف نامايىشلار داۋام قىلىۋاتقان نۇكۇس شەھىرىگە بېرىپ، خەلق بىلەن كۆرۈشكەن ۋە قاراقالپاقىستانغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئەمما شۇنداق بولسىمۇ نامايىش ۋە قالايمىقانچىلىقلار بېسىقمىغان. بۇ ئەھۋالدىن كېيىن ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى قاراقالپاقىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە 2-ئاۋغۇستقىچە جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان. بۇ پەرمانغا شەۋكەت مىرزىيويوف ئىمزا قويغان.

 

تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

بۇ خەۋەر 967 قېتىم كۆرۈلدى
04/07/2022 20:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق