خىتاي ھەققىدە قولغا چۈشۈرۈلگەن زور كۆلەمدىكى ئۇچۇرلار توردا ئېلان قىلىندى

يېقىندا بىر خاككېرلار گۇرۇپپىسى خىتاينىڭ شاڭخەي جامائەت خەۋپسىزلىك سىستېمىسىدىن بىر مىليارد خىتاي پۇقراسىنىڭ نوپۇسى، كىملىكى ۋە نەچچە مىليارد تال چىقىدىغان ساقچىغا مەلۇم قىلىش خاتىرىسى قاتارلىق سەزگۈر شەخسىي ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر خاككېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئالدىنقى پەيشەنبە داڭلىق تور جىنايىتى مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ سانلىق مەلۇماتلار شاڭخەي ساقچىلىرىدىن ئوغرىلانغان مىلياردلىغان خاتىرىلەرنى ئۆز  ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇنىڭدا بىر مىليارد خىتاي پۇقراسىغا ئائىت ئۇچۇرلار بار ئىكەن. ھۆججەتلەرنىڭ سىغىمى 23 تېرابايت كېلىدىغان بولۇپ، ھەپتە ئاخىرىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىشقا باشلىغان بۇ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ سېتىلىش باھاسى 200 مىڭ دوللارغا چىققان.

تور بىخەتەرلىكى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دېيىشىچە، بۇ خاككېرلىق ھۇجۇمىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ چوڭلۇقى بولۇپلا قالماستىن، ئەگەر ئۇ ئۇچۇرلار راست بولۇپ قالسا، تارىختا خاتىرىلەنگەن ئەڭ چوڭ شەخسىي سانلىق مەلۇماتنىڭ ئاشكارىلىنىشى ھەمدە خىتاي دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ خاككېرلىق ھۇجۇمى ھېسابلىنىدىكەن. ئۇندىن باشقا خىتاي رېجىمىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدىكى سەزگۈرلۈك دەرىجىسى بۇ قېتىملىق خاككېرلىق ھۇجۇمىنى تېخىمۇ ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلىدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خاككېرلار ھازىرچە ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇمات ئەۋرىشكىسى كىشىلەرنىڭ ئىسمى، كىملىك نومۇرى، تېلېفون نومۇرى، تۇغۇلغان كۈنى ۋە تۇغۇلغان يۇرتى قاتارلىق 750 مىڭ خاتىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئۇنىڭدا يەنە ساقچىغا مەلۇم قىلىنغان جىنايەتنىڭ تۈرلىرى ۋە ۋەقەلەرنىڭ تەپسىلاتى خاتىرىلەنگەن. بۇ دېلولارنىڭ كىچىكى ئوغرىلىق دېلوسى ۋە تور ئالدامچىلىق ۋەقەلىرىدىن تارتىپ ئائىلە زوراۋانلىقىغىچە چېتىلىدىغان بولۇپ، بۇ مەلۇماتلار 1995-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. گەرچە سانلىق مەلۇماتنىڭ ئاشكارىلىنىش دائىرىسى تېخى جەزملەشتۈرۈلمىگەن بولسىمۇ، بىراق ۋال كوچىسى گېزىتى مۇخبىرلىرى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە تېلېفون قىلىش ئارقىلىق، خاككېرلار ئېلان قىلغان بىر نەچچە مەخپىي خاتىرىنىڭ راستلىقىنى دەلىللىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە يەنە ساقچى ئورگانلىرىدىن باشقا ھەرقانداق مەنبەدىن ئېرىشىش تەس بولغان تەپسىلىي مەلۇماتلار بار ئىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 769 قېتىم كۆرۈلدى
05/07/2022 15:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق