خىتاي كانادا دىپلوماتلىرىنىڭ كانادالىق سودىگەرنىڭ سوتىغا قاتنىشىش تەلىپىنى رەت قىلدى

كانادانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىك خادىملىرى كانادا پۇقراسى بولغان بىر خىتاي سودىگەرنىڭ سوتىغا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ تەلىپى رەت قىلىنغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كانادانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىپ، بەش يىل ئىلگىرى خوڭكوڭدا سىرلىق غايىب بولغان كانادالىق مىلياردېر شياۋ جيەنخۇانىڭ 4-ئىيۇل خىتايدا سوتقا چىققانلىقىنى، كانادا تەرەپنىڭ بۇ سوتقا قاتنىشىشنى خىتايدىن بىر نەچچە قېتىم تەلەپ قىلغانلىقىنى، ئەمما خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ تەلەپنى رەت قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، شياۋ جيەنخۇا 2017-يىلى 1-ئايدا خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان خادىملىرى تەرىپىدىن خوڭكوڭدىكى بىر مېھمانخانىدىن مەخپىي تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان، خىتاي ئەدلىيە تارماقلىرى بۇ دېلونى مەخپىي بىر تەرەپ قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن شياۋ جيەنخۇا ئاممىۋى سورۇنلاردا كۆرۈلۈپ باقمىغان، خىتاي ئەمەلدارلارمۇ ئۇنىڭ تەكشۈرۈشى توغرىسىدا ھېچقانداق تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن دۈشەنبىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا شياۋ جيەنخۇانىڭ سوتقا چىقىشىدىن خەۋىرى يوقلىقىنى ئېيتقان. مەلۇم بولۇشىچە، شياۋ جيەنخۇانىڭ مەسىلىسى ئۇنىڭ خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار قاتلىمىغا يېقىنلاشقانلىقى ھەمدە بۇ بىر قىسىم ئەمەلدارلارنىڭ مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشىغا ياردەم بېرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارالماقتىكەن.

شياۋ جيەنخۇا خىتايدا تۇغۇلغان بولۇپ، كېيىن كانادا پۇقرالىقىغا ئۆتكەن. ئۇ 2016-يىلى خۇگېۋېرف خىتاي بايلىرى تىزىملىكىدە 32-ئورۇنغا تىزىلغان بولۇپ، نۆۋەتتىكى ساپ مۈلكى ئالتە مىليارد دوللارغا يېقىنلىشىدىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 709 قېتىم كۆرۈلدى
05/07/2022 16:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق