ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 13 يىللىق خاتىرە كۈنىدە زور كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

بۇندىن 13 يىل بۇرۇنقى 5-ئىيۇلدا يۈز بەرگەن، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تېررور سىياسىتىنىڭ تىپىك نامايەندىسى بولغان 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا زور كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىش خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسى ئالدىغا يىغىلغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرگىنىچە، خىتاينىڭ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامىدىكى ۋەھشىيانە باستۇرۇشىغا ۋە نۆۋەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى شوئارلارنى توۋلاشتى. نامايىشتا جازا لاگېرىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ سۈرەتلىرى چۈشۈرۈلگەن پىلاكات ئېسىلغاندىن سىرت، بىر قىسىم ياشلار قانغا بويالغان كېپەنگە سىمۋول قىلىنغان كىيىملەرنى كىيىپ، مەيدانغا يىغىلغان مۇخبىرلارغا خىتاينىڭ قانلىق باستۇرۇشىنى نامايان قىلدى.

ئالدى بىلەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان تۈركچە بايانات ئوقۇدى. ئۇ باياناتىدا ئۈرۈمچى قەتلىئامىنىڭ ئوت پىلتىسى بولغان شاۋگۈەن قىرغىنچىلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئەينى ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۈرۈمچىدە تىنچ نامايىش ئۆتكۈزگەنلىكىنى، ئەمما خىتاي رېجىمىنىڭ خەلقنى قانلىق باستۇرغانلىقىنى، ئەينى ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭمۇ بۇ جىنايەتكە كۈچ چىقارغانلىقىنى، بۇ ۋەقەنىڭ ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ۋە مۇستەقىللىققا ئېرىشىش ئىرادىسىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى قەيت قىلىپ ئۆتتى.

ئۇ باياناتىدا يەنە خىتاي رېجىمىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بارلىق شەكىللىرىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىقتىسادىي كۈچى ۋە سىياسىي تەسىرى ئارقىلىق، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇ ھەقتە ئاۋاز چىقىرىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارالىق تاراتقۇلارنى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توسۇشقا، خىتاي تەھدىتىدىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللام ئەرەبچە بايانات ئوقۇپ، خىتاي رېجىمىنىڭ 13 يىل بۇرۇنقى قەتلىئامى ۋە نۆۋەتتە داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى، خۇسۇسەن ئىسلام دۇنياسىنى خىتاينىڭ بۇ ئېغىر جىنايىتىگە قارشى ئاۋاز چىقىرىشقا چاقىرىدى. بايانات ئەلجەزىرە قاتارلىق نوپۇزلۇق قاناللاردا نەق مەيداندىن تارقىتىلدى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيىتى رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي ئىنگلىزچە بايانات ئوقۇپ، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى ۋە بۇ قانلىق پاجىئەنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ 73 يىلدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان ئىشغالىيىتى جەريانىدىكى يەنە بىر جىنايەت ئىكەنلىكىنى، بۈگۈن مەيداندىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانىغا خىتاب قىلىش ئۈچۈن يىغىلغانلىقىنى، پۈتكۈل ئىنسانلارنى «مەنمۇ بۇ پاجىئەگە چېتىشلىقمۇ؟» دەپ ئۆزىگە سوئال قويۇپ بېقىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتتى. ئۇ باياناتىدا يەنە كۆپلىگەن دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەنلىكىنى، تۈركىيە باشلىق ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتە قانۇنىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىنسانىي جەھەتتىن مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن يەسەۋى ئالپەرەنلەر جەمئىيىتى رەئىسى كۈرشات مىجان سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە خەلقئارا جەمئىيەت ۋە تاراتقۇلارنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكىنى، ھەتتا كۆز يۇمغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندا بولسا ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلىق ھالدا يوقىتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ توختىتىلىشى ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەت، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇندىن باشقا شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى ئىزباسارلار گۇرۇپپىسىدىكى ئۆسمۈرلەر ئىستانبۇلنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامى تونۇشتۇرۇلغان ۋاراقچىلارنى تارقىتىپ، يەرلىك خەلقنى بۇ پاجىئەدىن خەۋەردار قىلدى.

بۈگۈن يەنە ئەنقەرەدە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە تۈركىيە ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى (İHH) بىرلىكتە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامى ھەققىدە سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدى. كۆرگەزمىدە ئەنقەرە خەلقىگە خىتاي رېجىمىنىڭ ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلدى.

ئوخشاش كۈندە يەنە تۈركىيەنىڭ كونيا ۋىلايىتىدە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى كونيا شۆبىسى ۋە كونيا ئاممىۋى تەشكىلاتلار مۇنبىرىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، ئۈرۈمچى 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنىڭ 13 يىللىقىنى خاتىرىلەپ خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

كونيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار قاتناشقان نامايىشتا سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى كونيا شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن بايانات ئ‍وقۇپ ئۆتتى. باياناتتا بۇندىن 13 يىل ئىلگىرى خىتاينىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە سادىر قىلغان قىرغىن قىلىش ۋە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش جىنايىتى ئەسلەپ ئۆتۈلگەندىن كېيىن، نۆۋەتتە خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تونۇشتۇرۇلدى ۋە تۈركىيە باشلىق ھەرقايسى دۆلەتلەر، تەشكىلاتلار بۇ جىنايەتنى توختىتىشقا چاقىرىلدى.

ئۇندىن باشقا مالايشىيادا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن ئاكتىپ ئاۋاز چىقىرىپ كېلىۋاتقان مالايشىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى (ئابىم)، ۋاداخ ۋە «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مالايشىيالىقلار» قاتارلىق 50 تىن ئارتۇق تەشكىلاتنىڭ ھەمكارلىقىدا، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 13-يىللىقىنى خاتىرىلەپ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىش خىتاينىڭ مالايشىيادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، مالايشىيا مۇسۇلمانلىرى خىتاي رېجىمىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توختىتىشقا، جازا لاگېرلىرىنى تاقاشقا، مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىق جىنايەتلەردىن قول ئۈزۈشكە چاقىردى.

ئوخشاش كۈندە يەنە ئەنگلىيەدىكى يۈزدىن ئارتۇق مۇسۇلمانلار تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىقىدا بەرپا قىلىنغان «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەس تۇر» ھەرىكىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، لوندوندىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ۋە نەق مەيدان سەنئىتى نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. باياناتتا خىتاي رېجىمىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توختىتىش، جازا لاگېرلىرىنى تاقاش، بارلىق ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى. نامايىشتا يەنە سەنئەتكارلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قانلىق باستۇرۇش قىلمىشى تەسۋىرلەنگەن رەسىم سىزىپ، بۇ جىنايەتلەرگە قارشى نارازىلىقىنى سىمۋوللۇق ئىپادىلىدى.

قىرغىزىستاننىڭ جالالئابادتىكى ئۇيغۇرلارمۇ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامىنىڭ 13 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، شېھىتلەر ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلدى.

ئۇندىن باشقا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى بۇ ئالاھىدە كۈننى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ئوخشىمىغان تەرىقىدە نامايىش ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، خىتاينىڭ 13 يىل بۇرۇنقى قەتلىئامىغا ۋە داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە نارازىلىقىنى بىلدۈردى.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1013 قېتىم كۆرۈلدى
05/07/2022 17:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق