ئۇيغۇر ئۆسمۈر ئالتۇن مېدالىنى ئۈرۈمچى شېھىتلىرىگە بېغىشلىدى

قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن چېلىشىش مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر ئ‍ۆسمۈر مېدالىنى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامىدىكى شېھىتلەرگە بېغىشلىدى.

1-ئىيۇل خەلقئارا جۇجىستۇ چېلىشىش بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان، قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەرقايسى ئوبلاستلار ئارا مۇسابىقىدە ئۇيغۇر ئۆسمۈر ئۆمەر مامۇتاخۇنوف چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ، ئالتۇن مۇكاپات ئالغان.

ئۇنىڭ ئائىلىسى مۇسابىقىنىڭ ئىيۇل ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكى سەۋەبلىك، ئۇنى جالالئابادتىن يولغا سېلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلغانلىقىنى، مۇسابىقىدە غەلىبە قىلسا، ئۇنىڭ مېدالىنى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامىدا شېھىت قىلىنغانلارغا بېغىشلاشنى نىيەت قىلغانلىقىنى ۋە بۇ ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

 

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 878 قېتىم كۆرۈلدى
05/07/2022 18:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق