خىتاي ياسىغان ساداقەتمەنلىكىنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى غۇلغۇلا قوزغىدى

خىتاي تەتقىقاتچىلىرى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيەگە بولغان ساداقەتمەنلىكىنى بايقىيالايدىغان يېڭى سۈنئىي ئىدراك ئۈسكۈنىسىنى ياساپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ يېڭىلىق ئېلان قىلىنىپ خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغىغاندىن كېيىن، مەزكۇر سۈنئىي ئىدراك ئۈسكۈنىسىگە ئالاقىدار ئۇچۇر ۋە مەلۇماتلار توردىن ئۆچۈرۈلگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋە ئەنخۇي ئۆلكىسى بىرلىكتە قۇرغان خېفېي دۆلەتلىك ئىلىم-پەن مەركىزى سۈنئىي ئىدراك تەتقىقات ئورنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 101 يىللىقى بولغان 1-ئىيۇلدا «ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىياسىي-ئىدىيەۋى ئۈسكۈنىسى» ناملىق بىر يۈرۈش ئۈسكۈنىلەرنى ئىجاد قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ ئۈسكۈنىدىن پايدىلىنىپ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ چىراي ئىپادىسى، مېڭە ۋە تېرە ئېلېكتىرىنى ئېنىقلاش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ سىياسىي-ئىدىيەۋى تەربىيەنى قوبۇل قىلىش، ئېتىراپ قىلىش، ئىگىلەش دەرىجىسىنى بېكىتەلەيدىكەن.

بۇ خىل سۈنئىي ئىدراك ئۈسكۈنىسىنى ئىشلىتىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سىياسىي ساداقىتىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. بۇ مەسىلە خەلقئارادا كۈچلۈك غۇلغۇلىغا سەۋەب بولغاندىن كېيىن، خېفېي دۆلەتلىك ئىلىم-پەن مەركىزى سۈنئىي ئىدراك تەتقىقات ئورنى تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان ئالاقىدار ئۇلىنىشلارنى ئۆچۈرۈۋەتكەن.

نۆۋەتتە خىتاينىڭ سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسى بۇ ساھەدە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بولۇپ، خىتاي رېجىمىنىڭ سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسى ئارقىلىق زور سانلىق مەلۇمات تۇرغۇزۇپ، پۇقرالارنى نازارەت قىلىشقا ئىشلىتىدىغانلىقى، خۇسۇسەن ئۇيغۇرلارنى چىراي ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ، كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش ۋە تۇتقۇن قىلىشقا ئىشلەتكەنلىكى بۇندىن ئىلگىرىكى كۆپلىگەن خەۋەرلەردە ئاشكارىلانغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 780 قېتىم كۆرۈلدى
06/07/2022 12:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق