ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينىڭ كۆزىتىش كامېرالىرىنى پۈتۈنلەي چەكلەشنى تەلەپ قىلدى

ئەنگلىيەنىڭ 70 كە يېقىن پارلامېنت ئەزاسى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە بىرلەشمە چاقىرىق يوللاپ، خىتاينىڭ كۆزىتىش كامېراسى ئىشلەپچىقىرىدىغان خەيكاڭ ۋە داخۇا شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىش ۋە سېتىۋېلىشنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى.

ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيەدىكى ئوخشىمىغان پارتىيەلەردىن بولغان 67 پارلامېنت ئەزاسى بىرلىكتە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە چاقىرىق يوللاپ، خەيكاڭ ۋە داخۇادىن ئىبارەت كۆزىتىش كامېراسى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئىككى خىتاي شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈنلەي چەكلەشنى، شۇنداقلا مەزكۇر ئىككى شىركەتنى خىتاي رېجىمىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرىغا ياردەملەشكەنلىكى ھەققىدە ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خەيكاڭ ۋە داخۇا شىركىتى ئىشلەپچىقارغان كۆزىتىش كامېرالىرىنىڭ ئەنگلىيەدىكى ئومۇملىشىش نىسبىتى %60 تىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئەنگلىيەنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، تەتقىقات مەركەزلىرى، سەھىيە ئورۇنلىرى ۋە مەكتەپلەرگىچە ئومۇملاشقان.

پارلامېنت ئەزالىرى مەزكۇر ئىككى خىتاي شىركىتىنى چەكلەشتە بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتقاندىن سىرت، خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە، جۈملىدىن كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش قىلمىشىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنىمۇ نەزەردە تۇتقان. شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر شىركەتلەرنى ئاللىبۇرۇن قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەنلىكىنى، ئەنگلىيەنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ماس قەدەمدە ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشكەن.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بۇلتۇر 6-ئايدا مەمۇرىي بۇيرۇق ئىمزالاپ، سابىق پىرېزىدېنت تىرامپ تۈزۈپ چىققان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ «قارا تىزىملىكى» تېخىمۇ كېڭەيتكەنىدى. بۇيرۇققا ئاساسەن ئامېرىكا پۇقرالىرى ۋە ئورگانلىرىنىڭ خەيكاڭ ۋە داخۇا شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 59 خىتاي شىركىتىگە مەبلەغ سېلىشى چەكلەنگەنىدى.

كۆزىتىش كامېراسى ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنى مونوپول قىلىشقا باشلىغان مەزكۇر ئىككى خىتاي شىركىتى خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئىجرا قىلىشىدا ئىزچىل مۇھىم رول ئېلىپ كەلگەن. بۇلتۇر ئاۋسترالىيەنىڭ بىر بىخەتەرلىك تەتقىقاتى شىركىتى داخۇا شىركىتى ياساپ چىققان يۇمشاق دېتالنىڭ ئۇيغۇرلارنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى بارلىقىنى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. بۇلتۇر 11-ئايدا ئامېرىكىنىڭ IPVM شىركىتىمۇ داخۇا شىركىتىنىڭ تور بېتىگە قويۇلغان رەسىملەرگە ئاساسلىنىپ، مەزكۇر يۇمشاق دېتالدا ئۇيغۇرلارنى پەرقلەندۈرىدىغان كود بارلىقىنى بايقاپ چىققانىدى. بىر نەچچە ئاي بۇرۇن ئامېرىكىغا بېرىپ، پاناھلىق تىلىگەن جازا لاگېرى شاھىتى ئوبۇلبېك تۇرداخۇنمۇ خەيكاڭ شىركىتى ئىشلەپچىقارغان كۆزىتىش كامېرالىرىنىڭ لاگېرنىڭ ھەممە جايلىرىنى قاپلىغانلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەنىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 713 قېتىم كۆرۈلدى
06/07/2022 13:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق