خىتايغا قارشى «كۆك تىنچ ئوكيان» شېرىكلىك مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىندى

خىتاينىڭ رايوندىكى خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى «كۆك تىنچ ئوكيان» شېرىكلىك مۇناسىۋىتى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى كېڭەيمىچىلىك ھەرىكىتىگە قارشى تەدبىرلەرنىڭ بىرى دەپ قارالماقتا.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە باشقا ئۈچ ئىتتىپاقداش دۆلەت ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرىدا «كۆك تىنچ ئوكيان» شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ چىققان. ئانالىزچىلار بۇ ئىتتىپاقنى خىتاينىڭ جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى دىپلوماتىك ۋە ھەربىي كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇنۇشلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىلغان تەدبىرلەرنىڭ بىرى، دەپ قارىغان بولۇپ، بۇ مەسىلىدە خىتايمۇ ئوخشاش قاراشتا بولغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر ئىتتىپاق 24-ئىيۇن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ھەمكارلىقنىڭ ئەركىن ۋە ئوچۇق قائىدىلەرنى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپكە بولغان بېسىمنىڭ كۈچىيىشىگە ئاساسەن شەكىللەنگەنلىكىنى، بۇ ئىتتىپاققا ياپونىيە، يېڭى زېللاندىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭمۇ ئەزا بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاۋسترالىيە بىلەن ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى تەسىرىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇش قىلمىشلىرىغا قاتتىق دىققەت قىلغان بولۇپ، بۇ رايوندىكى ئون نەچچە نامرات ۋە كىچىك دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى چوڭ كۈچلەرنىڭ ياردىمى ۋە سودىسىغا باغلىق ئىكەن. بۇندىن ئىلگىرى مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا بۇ رايونغا بولغان قىزىقىشىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى، بۇ رايوندا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك سودا مەنپەئەتىنى قوللىماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ دائىرىدە خىتاي 4-ئايدا سولومون تاقىم ئارىلى بىلەن بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئىمزالىغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى يەنە 5-ئاي ۋە 6-ئايلاردا جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى 17 ئارال دۆلىتىدە زىيارەتتە بولۇپ، بۇ دۆلەتلەر بىلەن ئىقتىسادنى مەركەز قىلغان 52 تۈرلۈك ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزۈپ چىققان.

بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە توختىلىپ: «جەنۇبىي تىنچ ئوكيان قايتىدىن بايقالدى. نۆۋەتتە ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېللاندىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى بۇ رايونغا كىرىشكە تەييارلىق قىلماقتا» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋاشىنگتون نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئامېرىكا تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاقداشلىق كېلىشىمى ئىمزالاش ئارقىلىق جەنۇبىي تىنچ ئوكياندا تەسىرىنى كېڭەيتكەن. ئاۋسترالىيە ئەقىل ئامبىرى لوۋىي ئىنستىتۇتىنىڭ بىر ئانالىز دوكلاتىدا: «جۇغراپىيە جەھەتتىن جەنۇبىي تىنچ ئوكيانغا يېقىن ئاۋسترالىيە ئارال دۆلەتلىرى بىلەن بولغان قويۇق مۇناسىۋەتنى ئۆز بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايدۇ» دېيىلگەن.

خىتاي ئورگان تاراتقۇلىرى بولسا ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر رايونغا قىلغان ئاتالمىش «ياردىمى»نى تەشۋىق قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «كۆك تىنچ ئوكيان» ھەمكارلىقىنى ئەيىبلىگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 3-ئىيۇن تور بېكىتىدە بۇ توغرۇلۇق ئىپادە بىلدۈرۈپ: «خىتاينىڭ بۇ رايون بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئورتاق تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش بولىدۇ، دېگەن. خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى يەر شارى ۋاقىت گېزىتى 26-ئىيۇن ئىنگلىزچە سەھىپىسىدە بۇ توغرۇلۇق خەۋەر ئېلان قىلىپ، «كۆك تىنچ ئوكيان» ھەمكارلىقىنىڭ خىتاينى نىشانلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە «كۆك تىنچ ئوكيان» شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە كونكرېت پىلانى يوقلۇقىنى دەۋا قىلغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 636 قېتىم كۆرۈلدى
06/07/2022 14:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق