پاكىستان كۇڭزى ئىنستىتۇتىدا ئۆلتۈرۈلگەن خىتايلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

پاكىستان دائىرىلىرى 26-ئاپرېل پاكىستاندىكى كاراچى ئۇنىۋېرسىتېتى كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن ئۈچ خىتاينى پارتلىتىپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئاچقۇچلۇق بىر كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 6-ئىيۇلدىكى ئاخبارات يىغىنىدا خىتاي باياناتچىسى جاۋ لىجيەن بىر مۇخبىرنىڭ: «خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، 5-ئىيۇل پاكىستان سىند ۋىلايەتلىك ھۆكۈمىتى ۋە پاكىستان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تارماقلىرى كاراچىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، كاراچى ئۇنىۋېرسىتېتى كۇڭزى ئىنستىتۇتىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى دېلوسىدىكى بىر ئاچقۇچلۇق جىنايەت گۇماندارى قولغا چۈشتى، دېدى. بەلۇجىستان ئازادلىق فىرونتى ، بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسى قاتارلىق نۇرغۇن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىل بىرىكتۈرۈشنى كۈچەيتمەكتە، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ كۈشكۈرتىشى بولۇشى مۇمكىن، خىتاي تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بەرگەن.

جاۋ لىجيەن سۆزىدە خىتاينىڭ پاكىستاننىڭ كاراچى ئۇنىۋېرسىتېتى كۇڭزى ئىنستىتۇتىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇم دېلوسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، پاكىستاننىڭ تىرىشچانلىقىنى ماختايدىغانلىقىنى، پاكىستاننىڭ داۋاملىق پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىقلاپ، ۋەقە تۇغدۇرغۇچىلارنى قاتتىق جازالىشىنى ھەمدە خىتاينىڭ پاكىستاندىكى تۈر قۇرۇلۇشى، خادىملىرى ۋە ئاپپاراتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ يىل 26-ئاپرېل پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىگە جايلاشقان كاراچى ئۇنىۋېرسىتېتى كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ سىرتىدا يۈز بەرگەن دەھشەتلىك پارتلاشتا، نىشانغا ئېلىنغان كىچىك مىنىبۇس كۆيۈپ ۋەيران بولغانىدى. پارتلاشتا ئۆلگەن تۆت كىشىنىڭ ئۈچى خىتاي بولۇپ، ئۇندىن باشقا يەنە بىر خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت ئادەم يارىلانغانىدى. پارتلاشتا ئۆلگەن ئۈچ خىتاينىڭ بىرى كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى خۇاڭ گۈيپىڭ، قالغان ئىككىسى بولسا دىڭ موپىڭ، چېن سەي ئىسىملىك ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنغانىدى. ۋەقەدىن كېيىن بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسى مەزكۇر پىدائىيلىق پارتلىتىش ۋەقەسىگە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقان ئايالنىڭ سۈرىتىنى ھەمبەھرىلىگەنىدى. بۇ بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ تۇنجى قېتىم خىتايغا قارشى ئايال پىدائىي ئىشلىتىشى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، يەرلىك تاراتقۇلار مەزكۇر ئايالنىڭ كاراچى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بۇرۇنقى ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغانىدى. 

بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسى ئەينى ۋاقىتتىكى باياناتىدا يەنە خىتاينىڭ بىر بەلباغ، بىر يول پىلانىغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، مول كان بايلىقىدىن ھەقىقىي ئىگىلىرى بولغان بەلۇجىستان خەلقىنىڭ ھېچقانداق مەنپەئەتلىنەلمىگەنلىكىنى تەكىتلىگەنىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 803 قېتىم كۆرۈلدى
07/07/2022 15:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق