مالايشىيادىكى ئىسلامىي تەشكىلاتلار ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

مالايشىيادىكى زور تەسىرگە ئىگە بىر تۈركۈم ئىسلامىي تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقىدا 7-ئىيۇل «ئىنسانىيلىق سۆھبەت يىغىنى: ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈش» دېگەن تېمىدا سۆھبەت يىغىنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، بىر قىسىم شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى يىغىندا نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيەتنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

يەرشارى تىنچلىقى تەشكىلاتى ۋە مالايشىيادا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن ئاكتىپ ئاۋاز چىقىرىپ كېلىۋاتقان مالايشىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى (ئابىم)، ۋاداخ ۋە «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مالايشىيالىقلار» قاتارلىق كۆپلىگەن تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەزكۇر سۆھبەت يىغىنىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ۋە خەلقئارانىڭ، خۇسۇسەن ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەسئۇلىيىتى مۇزاكىرە قىلىندى.

سۆھبەت يىغىنىدا مالايشىيادىكى ئىسلامىي تەشكىلات رەھبەرلىرى، پائالىيەتچىلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەر نەق مەيداندىن ياكى تور ئارقىلىق سۆز قىلغاندىن سىرت، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى باش كاتىپى ئابدۇرېشىت ئەمىن خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇسالام ئالىم ئىسلام دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىكى مەسئۇلىيىتى ھەققىدە،  شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللام خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قاراتقان دىنىي باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئىجرائىيە رەئىسى ئۆمەر قانات شەرقىي تۈركىستان خەلقى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە سۆز قىلدى.

سۆھبەت يىغىنىدا يەنە مەرھۇم ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى» ناملىق كىتابىنىڭ مالاي تىلىدىكى نۇسخىسىنى ئېلان قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

مەزكۇر سۆھبەت يىغىنى ئەمەلىيەتتە يۇقىرىقى تەشكىلاتلارنىڭ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇرۇن ئورۇنلاشتۇرغان، بىر ھەپتىگە يېقىن داۋاملاشقان، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى مالايشىيا خەلقىگە تونۇشتۇرۇشنى نىشان قىلغان پىلان تۈرىنىڭ داۋامى ھېسابلىنىدىكەن. مەزكۇر پىلانغا ئاساسەن، بىر تۈركۈم مالايشىيالىق ياشلار ۋە پائالىيەتچىلەرگە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تونۇشتۇرۇش ھەققىدە مەخسۇس پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان. 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 13-يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينىڭ مالايشىيادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشمۇ مەزكۇر پىلان تۈرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىشى ۋە بۇ مەسىلىنىڭ خەلقئارادا ئىزچىل كۈنتەرتىپكە كېلىشى نەتىجىسىدە، بىر تۈركۈم ئىسلام ئەللىرى ۋە ئىسلامىي تەشكىلاتلار بۇ ھەقتە ئاكتىپ ئاۋاز چىقىرىشقا باشلىماقتا. خۇسۇسەن مالايشىيادىكى «مالايشىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى (ئابىم)»، «ۋاداخ» ۋە «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مالايشىيالىقلار» قاتارلىق ئىسلامىي تەشكىلاتلار شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن پائال ھەرىكەتكە ئۆتمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 831 قېتىم كۆرۈلدى
07/07/2022 15:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق