خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى تەشۋىقات قورالىغا ئايلىنىپ قالماسلىق ھەققىدە تەۋسىيەلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ئىككى ھەپتە بۇرۇن خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ سىدنېي پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلەش جەريانىدا دۇچ كەلگەن دىپلوماتىك سەتچىلىكى خەلقئارادا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغانىدى. ئالدىنقى كۈنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئورگان تور بېتىدە بۇ ۋەقەنى تۇتقا قىلغان ئاساستا، خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى ساختا تەشۋىقاتىغا ياردەم قىلىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىندى.

«ئاۋسترالىيەلىكلەر خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى زور تەشۋىقاتىغا ياردەم بېرىشتىن قانداق ساقلىنىشى كېرەك» ناملىق ماقالە 6-ئىيۇل خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئورگان تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىنى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاۋسترالىيە شۆبىسى تەتقىقاتچىسى سوفى مىكنېل يازغان.

ئاپتور ماقالىدە خىتاي رېجىمىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى يېڭى ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەن تۈرلۈك ئۇچرىشىشلارنى كۆپەيكەنلىكىنى، بۇ جەرياندا ئاۋسترالىيەدىكى ئورگان، تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ قانداق قىلىپ خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى تەشۋىقات قورالى بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن ۋە بۇ ھەقتە بىر قىسىم تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەزكۇر تەۋسىيەلەرنىڭ تۇنجىسىدا ھەرقانداق بىر شەخسنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن خىتايغا ئوخشاش بىر رېجىمنىڭ ۋەكىلى بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەسلىكى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

ئۇندىن باشقا خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ يەككە تەرەپلىك چۈشەندۈرۈشىگىلا قۇلاق سالماستىن، ئەركىن مۇنازىرە ئۆتكۈزۈش كېرەكلىكى قەيت قىلىنغان.

ماقالە ئاپتورى يەنە بىر تەۋسىيەسىدە خىتاي رېجىمىنىڭ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرىدىغان سۆزلىرىگە كەسكىنلىك بىلەن سوئال قويۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ نۇتقىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى «كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك بىلەن ئالاقىسى يوق، بەلكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى» دەپ سۈپەتلىگەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە بولسا بۇنىڭ پۈتۈنلەي يالغانچىلىق ئىكەنلىكىنى، يىغىن رىياسەتچىسىنىڭ ئەسلىدە بۇنىڭغا قارشى پىكىر بىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئالغان.

ماقالىدە يەنە پىكىر ئەركىنلىكىگە قوش ئۆلچەم قوللىنىلماسلىقى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن ۋە بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە سىدنېي پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شۇ كۈنى تىنچ نامايىش قىلماقچى بولغانلارنى يىغىن زالىغا كىرگۈزگەنلىكى، ئەمما خىتايغا قارشى پىكىر بىلدۈرگەندە ئۇلارنى قوغلاپ چىقارغانلىقى، نامايىشچىلارنىڭ پىلاكاتلىرىنى يىرتىۋەتكەن كوممۇنىستپەرەس خىتاينى بولسا داۋاملىق يىغىنغا قاتناشتۇرغانلىقى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن. ماقالىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي رېجىمىنىڭ ساختا تەشۋىقات قوشۇنى ئارقىلىق، خەلقئارانى قايمۇقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، ئاۋسترالىيەلىكلەرنىڭ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈپ، خىتاينى بۇ مەقسىتىگە يەتكۈزمەسلىكى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شياۋچيەن 24-ئىيۇن سىدنېي پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئاۋسترالىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى ئىنستىتۇتىدا نۇتۇق سۆزلىگەن بولۇپ، بۇ جەرياندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدىكى سوئالغا دۇچ كەلگەنىدى ۋە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغانىدى. يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر، تىبەت ۋە ئاۋسترالىيەلىك پائالىيەتچىلەر يىغىن زالىدىن قوغلىنىش خەۋپى ۋە كوممۇنىستپەرەس خىتايلارنىڭ ھاقارەتلىرىگە قارىماي، دادىللىق بىلەن خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ، خىتاي رېجىمىغا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 632 قېتىم كۆرۈلدى
08/07/2022 12:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق