ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى شىنزو ئابې قوراللىق ھۇجۇم نەتىجىسىدە قازا قىلدى

ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى شىنزو ئابې بۈگۈن كېڭەش پالاتاسى سايلىمىغا ئالاقىدار نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا، قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بولۇپ، يارىسى ئېغىر بولغانلىقى سەۋەبلىك قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلدى.

ياپونىيەنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەر مەنبەلىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، سابىق باش ۋەزىر شىنزو ئابې بۈگۈن ياپونىيەنىڭ نارا شەھىرىدە لېبىرال دېموكراتلار پارتىيەسى (يەنى ئۇيغۇر قىز ئەرفىيە ئەلى تەۋە بولغان پارتىيە) نامزاتىنىڭ كېڭەش پالاتاسى سايلىمىدا ئۇتۇپ چىقىشىغا سەپەرۋەرلىك قىلىش ئۈچۈن نۇتۇق سۆزلىگەن بولۇپ، بۇ جەرياندا بىر كىشى ئۇنىڭغا چاچما ئوقلۇق قورال بىلەن ئىككى قېتىم ئوق چىقارغان. نەتىجىدە شىنزو ئابېنىڭ كۆكرىكىگە ئوق تېگىپ ئېغىر يارىلانغان ۋە تىك ئۇچار بىلەن تېز سۈرئەتتە دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان. ئەمما يارىسى ناھايىتى ئېغىر بولغاچقا، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي 67 يېشىدا قازا قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ھۇجۇم قىلغۇچى 41 ياشلىق بىر ياپونلۇق ئەر بولۇپ، بۇرۇن ياپونىيە قوغدىنىش قىسمىدا ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەنىكەن. ئەمما ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق قوراللىق ھۇجۇمدىكى مەقسىتى ھازىرچە نامەلۇم ئىكەن.

شىنزو ئابې 2005-يىلى ۋە 2012-يىلى ئىككى قېتىم ياپونىيە باش ۋەزىرى بولغان بولۇپ، ياپونىيە تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ۋەزىپە ئۆتىگەن باش ۋەزىر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ 2020-يىلى تەن سالامەتلىكى سەۋەبلىك باش ۋەزىرلىكتىن ئىستېپا سورىغانىدى.

شىنزو ئابې ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىللىرىدە خىتاينىڭ نارازىلىقىغا قارىماي، ياسوكونى ئىبادەتخانىسىنى كۆپ قېتىم زىيارەت قىلغان ۋە ياپونىيەنىڭ سېنكاكۇ ئارىلىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەكىتلەپ كەلگەن. بۇ سەۋەبلىك ياپونىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى ئىزچىل يىرىكلىشىپ ماڭغان. ئۇندىن باشقا شىنزو ئابې ھۆكۈمىتى خىتايغا قارشى ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقلىقنى ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەن بولۇپ، شىنزو ئابې ۋە تىرامپ دەۋرىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈلگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 671 قېتىم كۆرۈلدى
08/07/2022 12:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق