ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر قۇربان ھېيتنى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن قارشى ئالدى

7-ئىيۇل ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنيەت تەتقىقات ۋەقفى زالىدا يېتىملەرگە ھېيتلىق تارقىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتنى شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەتكە 80 گە يېقىن يېتىم بالا قاتناشتى. پائالىيەتتە نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم سۆز قىلىپ، قۇربان ھېيىت كۈنلىرىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈش كېرەكلىكىنى، ئاتا-ئانىسى بولمىغان، قارىغۇچىسىز قالغان ئۆسمۈرلەرگە كېپىل بولۇشقا ھەرۋاقىت تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پائالىيەتتە ئۆسمۈرلەر قۇرئان تىلاۋەت قىلغاندىن سىرت، يەنە رەسىم سىزىش قاتارلىق تۈرلۈك ئويۇن ۋە نومۇرلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، كۆڭۈللۈك پائالىيەت ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە يېتىپ كېلىۋاتقان ھېيت خۇشاللىقىنى ھېس قىلدۇردى. پائالىيەت ئاخىرىدا بارلىق ئ‍ۆسمۈرلەرگە ھېيتلىق پۇل ۋە سوۋغات تارقىتىلدى.

ئۇندىن باشقا 7-ئىيۇل يەنە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسى ئانا تىل ۋە قۇرئان كۇرسى ئوقۇغۇچىلىرى قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

پائالىيەتتە ئۆسمۈرلەر يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان قۇربان ھېيتنى قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش، قوشاق ئوقۇش، گۈل-چېچەكلەر بىلەن قۇربانلىق قوينىڭ رەسىمىنى ياساش، يەسلىنى ھەرخىل شەكىلدە ھېيتلىق بېزىش قاتارلىق ئۆزگىچە ئۇسۇللار بىلەن كۈتۈۋالدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1217 قېتىم كۆرۈلدى
08/07/2022 14:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق