300 دىن ئارتۇق ئامېرىكا شىركىتى خىتايغا ئىجرا قىلىنىۋاتقان جازانى داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

300 دىن ئارتۇق ئامېرىكا شىركىتى خىتايغا قارشى ئىجرا قىلىنىۋاتقان جازا خاراكتېرلىك قوشۇمچە تاموژنا بېجىنىڭ يەنە داۋاملىشىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ دەۋرىدە يولغا قويۇلغان تۇنجى تۈركۈمدىكى سودا جازاسى ۋە قوشۇمچە تاموژنا بېجىنىڭ ۋاقتى 6-ئىيۇل توشىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە پىرېزىدېنت جوۋ بايدېن بۇ تاموژنا بېجى جازاسىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىش-قىلماسلىق توغرىسىدا تېخى قارار چىقارمىغان. 5-ئىيۇلغا قەدەر ئامېرىكا سودا ۋاكالەت ئىشخانىسى تاموژنا بېجىنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان 300 دىن ئارتۇق شىركەتنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان.

ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ دەۋرىدە باشلانغان ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى تۆت يىل داۋاملاشقان بولۇپ، 2018-يىلى 6-ئىيۇل تىرامپ ھۆكۈمىتى تۇنجى تۈركۈمدە ھەر يىلى ئامېرىكىنىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلىدىغان 34 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ئىمپورت ماللىرىغا چېتىلىدىغان قوشۇمچە تاموژنا بېجى تەدبىرىنى ئېلان قىلغانىدى. ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارشى يۈرگۈزۈشكە باشلىغان بۇ تەدبىرى بۇ يىل 5-ئىيۇل يېرىم كېچىدە توشىدىغان بولۇپ، ئەگەر ھۆكۈمەتنىڭ قارارى بولمىغان ياكى جازانى داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىغان ھېچقانداق شىركەت چىقمىغان ئەھۋال ئاستىدا، خىتايغا ئىجرا قىلىنىۋاتقان جازا ئاپتوماتىك ھالدا توختىتىلىشى كېرەك ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغا قەدەر بايدېن ھۆكۈمىتى بۇ تەدبىرلەرنى كېڭەيتىش-كېڭەيتمەسلىك توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلمىغان. ئاقساراي باياناتچىسى 5-ئىيۇل كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ھۆكۈمەتنىڭ يەنىلا ئەڭ مۇۋاپىق قارار چىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەر خىل تاللاشلار ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى ئ‍ېيتقان. 5-ئىيۇل ئامېرىكا تەرەپ خىتاينىڭ سودا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ليۇ خې بىلەن سىنلىق يىغىن ئاچقان، ئەمما سۆھبەت ھەققىدىكى ئېلان قىلىنغان مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، سۆھبەتتە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش بولمىغان. ئەمما خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى سۆھبەتنىڭ ئىجابىي بولغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 876 قېتىم كۆرۈلدى
08/07/2022 14:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق