ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ تاجىكىستاندىكى تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ رايوندىكى تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن، تاجىكىستاندىكى ئەڭ ئېگىز ۋە مۇھىم توسمىنىڭ ئاساسلىق مەبلەغ سالغۇچىسى بولۇشنى پىلانلىدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 6-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاجىكىستاندىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز توسما ئۈچۈن زور مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيەسىگە تايىنىشنى ئازايتىشىغا ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلغان. بۇ مەبلەغ پىلانى يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينىڭ ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا قارشى ئىنكاسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.

تاجىكىستان 2016-يىلى روگۇن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى باشلىغان بولۇپ، بۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلسە، تاجىكىستان ئېنېرگىيە جەھەتتىن تولۇق مۇستەقىل ھالغا كېلىدىكەن.

ياۋروپا مەبلەغ سېلىش بانكىسى ھازىرغىچە بۇ پىلان تۈرىگە مەبلەغ سالمىغان بولۇپ، سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئاساسلىق ئاچقۇچىسى ئىتالىيە قۇرۇلۇش شىركىتى «Webuild» ئىكەن. ئەمما ياۋروپا مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەپتە رويتېرس ئاگېنتلىقىغا ياۋروپا كومىتېتىنىڭ مەزكۇر بانكىدىن بۇ قۇرۇلۇش پىلاندىكى ئەڭ چوڭ مەبلەغ سالغۇچى بولۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

تاجىكىستان ئېنېرگىيە مىنىستىرى داليور جۇما 6-ئايدا رويتېرس ئاگېنتلىقىغا روگۇن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ پۈتۈش تەننەرخىنىڭ تەخمىنەن سەككىز مىليارد دوللار ئىكەنلىكىنى، ھازىرغا قەدەر تەخمىنەن ئۈچ مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىنغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ ئىشتىن خەۋەردار ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر قۇرۇلۇش تۈرى ھازىرغا قەدەر تاجىكىستان ھۆكۈمەت زايومى ۋە شەخسىي قەرز مەبلىغى بىلەن تەمىنلىنىپ تۇرغان. ئەمما تاجىكىستان ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇشنى تاماملاش ئۈچۈن نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم تەلەپ قىلغان.

ياۋروپا مەبلەغ سېلىش بانكىسى 2014-يىلدىن 2020-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئوتتۇرا ئاسىياغا تەخمىنەن 182 مىليون ياۋرو مەبلەغ سالغان بولۇپ، بۇ پەقەت بانكىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتنىڭ سىرتىدىكى دۆلەتلەرگە سالغان نەچچە مىليارد دوللارلىق مەبلىغىنىڭ ئاز بىر قىسىمى ھېسابلىنىدىكەن.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەزكۇر سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرىدە ئەڭ چوڭ مەبلەغ سالغۇچىغا ئايلىنىشتىكى ئاساسلىق مەقسىتى تاجىكىستان ۋە ئۇنىڭ ئىككى قوشنىسىنى رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيەسىگە تايىنىشتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىكەن.

روگۇن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئېگىزلىكى 335 مېتىر قىلىپ لايىھەلەنگەن بولۇپ، قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى بولۇپ قالىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ قۇرۇلۇش تاجىكىستاننىڭ ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان توك يېتىشمەسلىك مەسىلىسىگە خاتىمە بېرىش بىلەن بىرگە، تاجىكىستان يەنە ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستانغا توك ئېكسپورت قىلالايدىكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارى بۇ مەبلەغنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «يەرشارى دەرۋازىسى» تەشەببۇسىنىڭ بىر قىسىمى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇلتۇر 12-ئايدا 300 مىليارد ياۋرو قىممىتىدىكى يەر شارى خاراكتېرلىق ئۇل ئەسلىھەسىگە مەبلەغ سېلىش پىلانىنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ مۇھىت قوغدىغان ئاساستا، خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ئورنىنى ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقى پىلانىنىڭ قاچان ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلىنىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن، ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرى ئالاقىدار قارارنىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرقى پەسلىدە چىقىرىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 756 قېتىم كۆرۈلدى
08/07/2022 20:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق