تاراتقۇلار: قازاقىستان رۇسىيەنىڭ تەسىر دائىرىسىدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشماقتا

رۇسىيەنىڭ ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقدىشى دەپ قارالغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چوڭ دۆلەت قازاقىستان ئۇكرائىنا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن بۇيان رۇسىيە بىلەن بولغان سۈركىلىشنى كۈچەيتىپ، رۇسىيەنىڭ تەسىر دائىرىسىدىن قۇتۇلۇش يۈزلىنىشىنى بارغانسېرى نامايان قىلماقتا.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 8-ئىيۇل ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە تەھلىل قىلىنىشىچە، قازاقىستان رۇسىيەنىڭ تەسىر دائىرىسىدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ روشەن ئۈچ ئىپادىسى بار ئىكەن. ئۇنىڭ بىرى بولسا، قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومارت توقايوف رۇسىيە تۇرۇبا لىنىيەسىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈش ئۈچۈن يېڭى نېفىت ئېكسپورت تۇرۇبا لىنىيەسى تېپىشقا بۇيرۇق قىلغان. ئىككىنچى ئىپادىسى بولسا، قازاقىستان ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.  ئۈچىنچى ئىپادىسى بولسا، قازاقىستان رۇسىيە «مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت» دەپ ئېلان قىلغان دونېتسك ۋە لۇھانسكنى ئېتىراپ قىلمىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، رۇسىيە-قازاقىستان مۇناسىۋىتىدىكى ئىنچىكە ئۆزگىرىشلەر ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ئارقا كۆرۈنۈشىدە بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا چىققان. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، قازاقىستان پىرېزىدېنتى توقايوف پەيشەنبە ھۆكۈمەتكە رۇسىيە ئارقىلىق نېفىت ئېكسپورت قىلماسلىقنىڭ يېڭى يوللىرىنى تېپىش ھەققىدە يوليورۇق چۈشۈرگەن. ھۆكۈمەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان توقايوف قازاقىستاننىڭ كاسپىي دېڭىزى ئارقىلىق نېفىت ئېكسپورت قىلىش ئۈچۈن يېڭى يول تېپىشىنىڭ بۇ دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىشىغا ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە ھۆكۈمەتنى تەدبىر قوللىنىپ، خىتايغا نېفىت يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا بۇيرۇق قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، كاسپىي دېڭىزىدىن ھالقىغان ئېنېرگىيە تۇرۇبا يولى ئۇقۇمىنى ھەردائىم قازاقىستان تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما رۇسىيە بۇ تۈرنى تەستىقلىمىغان بولغاچقا، مەزكۇر پىلان ئەمەلگە ئاشمىغان. نۆۋەتتە قازاقىستاننىڭ تەخمىنەن تۆتتىن ئۈچ قىسىم نېفىتى رۇسىيەنىڭ قارا دېڭىزدىكى نوۋوروسىك پورتى ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنىدىكەن. ئەمما بۇ ئېكسپورت تۇرۇبا لىنىيەسى رۇسىيە 2-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندىن بۇيان ئىككى قېتىم ئۈزۈلۈپ قالغان. بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر رۇسىيەنىڭ ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقدىشى بولغان قازاقىستاننى ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرىش مەقسىتىدە نېفىت يەتكۈزۈش يولىنى ئۈزۈپ قويغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 923 قېتىم كۆرۈلدى
08/07/2022 21:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق