ئامېرىكا باش ئەلچىسى خىتاينىڭ تور زومىگەرلىكىگە قاتتىق غەزىپىنى بىلدۈردى

ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خىتاي تور باشقۇرۇش دائىرىلىرىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ۋېيبو ۋە ئۈندىدار ھېسابلىرىدىكى يازمىلارنى ئۆچۈرگەنلىكى ۋە چەكلىمە قويغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نىكولاس بۇرنس 7-ئىيۇل تىۋىتتىردا ئاقساراي ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خوڭكوڭنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىغا ۋە ئالدىنقى ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا مۇناسىۋەتلىك يازمىنىڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ۋېيبو ۋە ئۈندىدار ھېساباتىدا ئېلان قىلىنغانلىقى، ئەمما خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ يازمىلارنى دەرھال ئۆچۈرۈۋەتكەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ، خىتايغا قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ۋېيبو ھېسابىدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ھەققىدىكى ئۇلىنىشىنى چىقارغان. نەتىجىدە مەزكۇر ئۇلىنىش خىتاي تەرىپىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن. ئۈندىدار ھېسابىدىن ئۆچۈرۈلگەن باشقا ئىككى يازما بولسا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خوڭكوڭ ھەققىدىكى باياناتى ئىكەن. مەزكۇر باياناتتا خىتاينىڭ دېموكراتىك قاتنىشىش، تۈپ ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىل ئاخباراتنى خوڭكوڭ كېلەچىكىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارىمايدىغانلىقى، خىتاينىڭ يېقىنقى ئىككى يىلدا خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكى ئەيىبلەنگەن.

خىتاي رېجىمى گەرچە چەت ئەل ئەلچىخانىلىرىنىڭ خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا رەسمىي ھېساب ئېچىشىغا مەلۇم دەرىجىدە رۇخسەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما قاتتىق كونتروللۇق ئىچىدە نازارەت قىلىپ كەلمەكتە ۋە سەزگۈر مەزمۇنلارنى ئۆچۈرۈش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنى قارىلايدىغان مەزمۇنلارنى زور تۈركۈمدە تارقىتىپ كەلمەكتە. گەرچە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تور سۇپىلىرىدىكى سەزگۈر مەزمۇنلارنى ئۆچۈرۈشى نورمال ئەھۋالغا ئايلىنىپ قالغان بولسىمۇ، بۇ قېتىم ئامېرىكا باش ئەلچىسىنىڭ سەۋر قاچىسى توشۇپ، قاتتىق غەزىپىنى بىلدۈرگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 608 قېتىم كۆرۈلدى
08/07/2022 21:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق