تەشكىلاتلار بىرلىكى شىنزو ئابې ھەققىدە تەزىيەنامە ئېلان قىلدى

ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى شىنزو ئابې 8-ئىيۇل نارا شەھىرىدە لېبىرال دېموكراتلار پارتىيەسى (يەنى ئۇيغۇر قىز ئەرفىيە ئەلى تەۋە بولغان پارتىيە) نامزاتىنىڭ كېڭەش پالاتاسى سايلىمىدا ئۇتۇپ چىقىشىغا سەپەرۋەرلىك قىلىش ئۈچۈن نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا، قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغانىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەزىيەنامە ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسى ۋە مەۋقەسى بىلەن تونۇلغان، ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە خەلقىمىزنىڭ دوستى سابىق ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىدىن قايغۇ ئىچىدە خەۋەر تاپتۇق. خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقى نامىدىن ياپون خەلقى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن ھال سورايمىز» دېگەنلەر بىلدۈرۈلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ھۇجۇم قىلغۇچى 41 ياشلىق بىر ياپونلۇق ئەر بولۇپ، بۇرۇن ياپونىيە قوغدىنىش قىسمىدا ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەنىكەن. ئەمما ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق قوراللىق ھۇجۇمدىكى مەقسىتى ھازىرچە نامەلۇم بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن نەق مەيداندىلا كونترول قىلىنغان.

شىنزو ئابې 2005-يىلى ۋە 2012-يىلى ئىككى قېتىم ياپونىيە باش ۋەزىرى بولغان بولۇپ، ياپونىيە تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ۋەزىپە ئۆتىگەن باش ۋەزىر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ 2020-يىلى تەن سالامەتلىكى سەۋەبلىك باش ۋەزىرلىكتىن ئىستېپا سورىغانىدى.

شىنزو ئابې ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىللىرىدە خىتاينىڭ نارازىلىقىغا قارىماي، ياسوكونى ئىبادەتخانىسىنى كۆپ قېتىم زىيارەت قىلغان ۋە ياپونىيەنىڭ سېنكاكۇ ئارىلىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەكىتلەپ كەلگەن. بۇ سەۋەبلىك ياپونىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى ئىزچىل يىرىكلىشىپ ماڭغان. ئۇندىن باشقا شىنزو ئابې ھۆكۈمىتى خىتايغا قارشى ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقلىقنى ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەن بولۇپ، شىنزو ئابې ۋە تىرامپ دەۋرىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈلگەنىدى. ئۇ يەنە بىر تۈركۈم شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىنى ئىپادە قىلغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئ‍ى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1576 قېتىم كۆرۈلدى
08/07/2022 21:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق