شىنزو ئابېنىڭ ئۆلۈمى خىتايلارنىڭ يەنە بىر يۈزىنى دۇنياغا كۆرسىتىپ بەردى

ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى شىنزو ئابى 8-ئىيۇل قەستكە ئۇچراپ قازا قىلغاندىن كېيىن، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىنسانىيلىققا يات ھالدا ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى تەبرىكلىشى پۈتۈن دۇنيانى يەنە بىر قېتىم چۆچۈتتى.

شىنزو ئابىنىڭ كۈتۈلمىگەن ئۆلۈمى بارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈنتەرتىپكە كەلگەن بىر پەيتتە، خىتاي پۇقرالىرى يەنە بىر قېتىم پۈتۈن دۇنياغا باشقا بىر يۈزىنى كۆرسەتتى. بۇ ۋەقە خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدىمۇ تېزلىكتە غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، خىتايلارنىڭ شىنزو ئابېنىڭ ئۆلۈمىگە تەنتەنە قىلىشى خىتايدا ئەزەلدىن مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن، يىللاردىن بېرى تېخىمۇ كۈچەيگەن ئىرقچىلىق كەيپىياتىنى نامايان قىلدى.

بىر نەچچە كۈندىن بېرى خىتاينىڭ ۋېيبو، ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى تەبرىكلىگەن، مەسخىرە قىلغان تۈرلۈك يازمىلار ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ خىل يازمىلار كۈچلۈك ئالقىشقا ئېرىشكەن. مەلۇم بىر خىتاي ۋېيبو ھېسابىدا «شىنزو ئابې ئۆچمەنلىكنى ئۇنتۇپ، قوراللىق كىشىنى كەچۈرۈۋېتىشى كېرەك» دېگەن مەسخىرىلىك ئىنكاسى يۈز مىڭغا يېقىن ياقتۇرۇشقا ئېرىشكەن.

ئۇندىن باشقا تور دۇنياسىدا خىتايدىكى بىر تۈركۈم دۇكان، ئاشخانىلارنىڭ شىنزو ئابېنىڭ ئۆلۈمىنى تەبرىكلەپ پىلاكات ئاسقانلىقىدەك سۈرەتلەر تارقالغان بولۇپ، بۇلارمۇ ئوخشاشلا چەت ئەلدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى. مەزكۇر سۈرەتلەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتايلار قىزىل پىلاكاتلارغا «شىنزو ئابېنىڭ ئۆلگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز... بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر مال ئالسىڭىز، بىرنى سوۋغا قىلىمىز...» دېگەندەك مەزمۇنلارنى يازغان.

بۇ مەسىلە خىتاينىڭ كۈندىلىك ئاخبارات يىغىنىدىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلگەن بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن خىتايلارنىڭ تور دۇنياسىدىكى ئىنكاسىغا قانداق قارايدىغانلىقى ھەققىدە مۇخبىرنىڭ سوئالىغا دۇچ كەلگەن. ئەمما ئۇ: «توردىكى ھەرخىل ئىنكاسلارغا مەن ئىپادە بىلدۈرمەيمەن» دەپ، جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.

ئۇندىن باشقا تاڭشەن پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ شى ۋېنيىڭ ئىسىملىك بىر پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىسى ۋېيبو ھېسابىدا «دوستلار چەمبىرىكىمدە شىنزو ئابې ئەپەندىنىڭ ئۆلۈمىنى تەبرىكلەيدىغان پەسكەش جىنا (ياپونلار خىتايلارنى چاقىرىشتا ئىشلىتىدىغان ئاتالغۇ) قۇللىرىنىڭ يوقلۇقىدىن ناھايىتى خۇشالمەن» دەپ يازغان. ئۇنىڭ بۇ يازمىسى خىتايلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان بولۇپ، بەزىلىرى تاڭشەن پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىغا خەت يېزىپ، ئۇنى جازالاشنى تەلەپ قىلغان. شى ۋېنيىڭ بۇ ھەقتە يەنە ئىنكاس قايتۇرۇپ، «ئاستىدىكى ئىنكاسلارنى كۆرگىنىمدە، ئۆز مىللىتىمدىن نومۇس قىلىمەن» دەپ يازغان. تاڭشەن پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى دەرھال بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ مەسىلىنى تەكشۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى، مەزكۇر ئوقۇتقۇچىنى نىزاملار بويىچە قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە بىر قىسىم ئانالىزچىلار خىتايلارنىڭ شىنزو ئابېنىڭ ئۆلۈمىگە قايتۇرغان ئىنكاسىنى خىتاي رېجىمىنىڭ يىللاردىن بېرى مەقسەتلىك كۈچەيتىۋاتقان ئاشقۇن مىللەتچىلىك تەشۋىقاتىنىڭ نەتىجىسى دەپ قاراشماقتا. بۇ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇنداق ئىنكاس بىلدۈرۈشى ئەمەس بولۇپ، 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىمۇ ئوخشاشلا ئامېرىكا پۇقرالىرى باشتىن كەچۈرگەن پاجىئەنى تەبرىكلەشكەنىدى. شۇنداقلا بىر نەچچە يىل بۇرۇن يېڭى زېللاندىيەدە يۈز بەرگەن،50  تىن ئارتۇق مۇسۇلماننىڭ قازا قىلىشىغا سەۋەب بولغان تېررورلۇق ۋەقەسىدىمۇ ئوخشاش ئىنكاس قايتۇرغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 886 قېتىم كۆرۈلدى
10/07/2022 22:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق