ئېلون ماسك تىۋىتتېر شىركىتىنى سېتىۋېلىش كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقتى

تېسلا شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ئېلون ماسك تىۋىتتېر شىركىتىنىڭ سېتىۋېلىش كېلىشىمىدىكى كۆپلىگەن ماددىلارغا خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبلىك، 44 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى سېتىۋېلىش تۈرىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تېسلا ۋە SpaceX شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باش دېرىكتورى ئېلون ماسك ئالدىنقى مەزگىللەردە خەلقئارادىكى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىنىڭ بىرى بولغان تىۋىتتېر شىركىتىنى سېتىۋالماقچى بولغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن ۋە بۇ ھەقتە كېلىشىم ئىمزالانغاندىن كېيىن، پۈتۈن دۇنيادا غۇلغۇلا قوزغىغانىدى. ئۇ بۇ سېتىۋېلىش تۈرىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، تىۋىتتېر شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى بىرېت تايلور تىۋىتتېر ھېسابىدا بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرغان ۋە قانۇنىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، تىۋىتتېر شىركىتىنى سېتىۋېلىش كېلىشىمىنى مەجبۇرىي ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئېلون ماسكنىڭ ئادۋوكاتلىرى ئېلان قىلغان بىر ئۇقتۇرۇشتا تىۋىتتېر شىركىتىنىڭ ساختا ھېساب ياكى ئەخلەت ھېسابلارغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تەمىنلەش تەلىپىنى ئىزچىل رەت قىلغانلىقى ياكى كارى بولمىغانلىقى، بۇ ئۇچۇرلارنىڭ شىركەتنى باشقۇرۇشتا ئىنايىن مۇھىم ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئېلون ماسك مەزكۇر سېتىۋېلىش كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىشىدا باشقا سەۋەبنىڭمۇ بارلىقىنى، يەنى تىۋىتتېر شىركىتىنىڭ كېلىشىم ئىمزالانغاندىن كېيىن بىر قىسىم ئالىي ئەمەلدارلىرىنى ۋە بىر تۈركۈم خىزمەتچىلەرنى قىسقارتقانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك تىۋىتتېر شىركىتىنىڭ قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى، بۇنىڭمۇ ئوخشاشلا كېلىشىمگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئېلون ماسك بۇ يىل 4-ئايدا 44 مىليارد دوللار باھا بىلەن تىۋىتتېر شىركىتىنى سېتىۋېلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. تىۋىتتېر شىركىتى مۇدىرىيىتىمۇ 26-ئاپرېل ئېلون ماسكنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلغان ۋە ئىككى تەرەپ سېتىۋېلىش مەسىلىسى ھەققىدە كېلىشىم ئىمزالىغانىدى. ھالبۇكى، ئېلون ماسكنىڭ تىۋىتتېرنى سېتىۋېلىش پىلانى سىياسىي جەھەتتىنمۇ دىققەت نۇقتىسى بولغان بولۇپ، خۇسۇسەن خىتايدا زور بازار ئۈلۈشى بولغان، تەنقىدلەرگە قارىماي شەرقىي تۈركىستاندا مەخسۇس سېتىش مەركىزى ئاچقان ئېلون ماسكنىڭ تىۋىتتېردىكى پىكىر ئەركىنلىكى ۋە خىتايدىكى ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى قانداق تەڭپۇڭلاشتۇرىدىغانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك تەھلىل ۋە پەرەزلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 675 قېتىم كۆرۈلدى
10/07/2022 23:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق