تۈركىيەنىڭ دۆلەت ئەربابلىرى قاتناشقان ھېيتلىق زىياپەتكە ئۇيغۇرلارمۇ تەكلىپ قىلىندى

10-ئىيۇل (قۇربان ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنى) ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر ۋە دۇنيادا ئىگە-چاقىسىز قالغان مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ھېيتلىق زىياپەت ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ قاتارلىق دۆلەت ئەربابلىرىمۇ قەدەم تەشرىپ قىلدى.

ھېيتلىشىش پائالىيىتىنى تۈركىيە كۆچمەنلەر مىنىستىرلىقى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ، مۇئاۋىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئىسمايىل چاقاتلى قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرى قاتناشتى ۋە شۇنداقلا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن بىر تۈركۈم تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرى تەكلىپ بىلەن ئىشتىراك قىلدى. ئۇندىن باشقا پائالىيەتكە يەنە ئىگە-چاقىسىز قالغان مىللەتلەردىن ئافغانىستان تۈركمەنلىرى، سۇرىيە تۈركمەنلىرى، يەمەن مۇسۇلمانلىرى، ئاراكان مۇسۇلمانلىرى ۋە پەلەستىن مۇسۇلمانلىرىغا ۋاكالىتەن بىر تۈركۈم كىشىلەر ئىشتىراك قىلدى.

ھېيتلىق زىياپەتتە سۇلايمان سويلۇ ئەپەندى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلىپ، قىزغىنلىق بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئاڭلىدى.

پائالىيەتتە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان تەكلىپ بىلەن سۆزگە چىقىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن تۈركىيە ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرىنى يەتكۈزدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئۆزىنىڭ فېيسبۇك سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە يازما ۋە سۈرەت ھەمبەھرىلەپ، «ئىستانبۇلدا تۈركىي مىللەتلەر ۋە مۇساپىر ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن ھېيتلاشتۇق» دەپ يازدى ۋە ئۆز ۋەتىنىدە قۇربان ھېيت ئۆتكۈزەلمىگەن، بۇ بايرامنى ھېس قىلالمىغان شەرقىي تۈركىستاندىن يەمەنگىچە، ئاراكاندىن پەلەستىنگىچە، ئىران تۈركمەنلىرىدىن ئافغانىستاندىكى تۈركمەنلەرگىچە، بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 942 قېتىم كۆرۈلدى
10/07/2022 23:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق