ناسا ئەمەلدارى: خىتاي ئاي شارىنى ئىشغال قىلىشى مۇمكىن

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ (NASA) باشلىقى ئالدىنقى كۈنلەردىكى بىر زىيارەتتە خىتاينىڭ ئاي شارىنى ئىشغال قىلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن بولۇپ، خىتاي بۇنىڭغا دەرھال نارازىلىق بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بىل نېلسون بۇ ئاينىڭ بېشىدىكى بىر قېتىملىق زىيارەتتە خىتاينىڭ ئالەم بوشلۇقى زومىگەرلىكىگە بولغان ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ ئاي شارىغا قونغاندىن كېيىن، ئاي شارىنى ئىشغال قىلىشى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئايغا قونۇشىنى چەكلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراشقا ۋە ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرغان.

ئۇ سۆزىدە يەنە: «خىتاي باشقا دۆلەتلەرنىڭ يېڭىلىقلىرى ۋە تېخنىكىسىنى ئوغرىلاش ئارقىلىق، ئالەم بوشلۇقى رىقابىتىگە قاتناشتى. خىتاي ئالەم پونكىتلىرىنىڭ ۋەزىپىسى بولسا قانداق قىلىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ سۈنئىي ھەمراھلىرىنى ۋەيران قىلىشنى ئۆگىنىش» دېگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى 4-ئىيۇل بۇ ھەقتە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالەم قاتنىشى ساھەسىدە خىتايغا قارا سۈركىگەنلىكى، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى ئەڭ چوڭ تەھدىت ئىكەنلىكى ھەققىدە جار سالغان. ئۇ 7-ئىيۇلدىكى ئاخبارات يىغىنىدا بۇ توغرۇلۇق يەنە بىر قېتىم ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنى ئەيىبلىگەن ۋە خىتاينىڭ ئالەم قاتنىشى ساھەسىدە تىنچ ۋە ئورتاق ئىشلىتىش پىرىنسىپى بويىچە ئىش كۆرگەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2017-يىلى ناسانىڭ باشچىلىقىدىكى «ئارتېمىس» ناملىق خەلقئارا ھەمكارلىق ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات پىلانىنى تەستىقلىغان. مەزكۇر پىلانغا ئاساسەن ئامېرىكىنىڭ ئالەم بوشلۇقى خادىملىرىنى 2024-يىلى ئاي شارىغا ئەۋەتىش ۋە 2028-يىلى ئاي شارىدا مەڭگۈلۈك بازا قۇرۇپ، تەتقىقات ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىش نىشان قىلىنغان. ھازىرغا قەدەر بۇ پىلانغا كانادا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە ۋە كورىيە قاتارلىق 10 نەچچە دۆلەت قوشۇلغان. ھالبۇكى خىتاي بىلەن رۇسىيە بۇ ھەمكارلىق ئىتتىپاقى بىلەن رىقابەتلىشىش ئۈچۈن، بۇلتۇر 3-ئايدا ئاي شارىدا خەلقئارالىق تەتقىقات پونكىتى قۇرۇش ھەققىدە ئەسلەتمە ئىمزالىغان.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 703 قېتىم كۆرۈلدى
11/07/2022 23:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق