2022-يىللىق قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن چوڭ تىپتىكى ھېيتلىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

2022-يىللىق قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن، 11-ئىيۇل ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىغا جايلاشقان كازلىچەشمە كۈلتۈر مەركىزى مەيدانىدا مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن چوڭ تىپتىكى ھېيتلىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەشكىللىگەن مەزكۇر پائالىيەت قۇربان ھېيتنىڭ ئۈچىنچى كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تۈركىيەدىكى ھەرقايسى تەشكىلات مەسئۇللىرى، جامائەت ئەربابلىرى، ئىسلام دۇنياسىدىكى تونۇلغان ئۆلىمالار ۋە مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى بولۇپ، 2000 غا يېقىن مېھمان ئىشتىراك قىلدى.

پائالىيەت قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلانغاندىن كېيىن، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، ھېيتلىق تەبرىك يوللىدى ۋە بۇ چوڭ تىپتىكى يىغىلىشنىڭ ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىي، مىللىي كىملىكىنى قوغداش ئىرادىسىنى ۋە شەرقىي تۈركىستان مۇجادىلىسى ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىش، ئىتتىپاقلىشىش روھىنى نامايان قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ سۆزىدە يەنە مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تونۇپ يېتىشى ۋە ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان خەلقنىڭ ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقانلاردىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشمىگۈچە، سىستېمىلىق ۋە پىلانلىق ھەرىكەت قىلىۋاتقان خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يەنە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، بۇ نىشاننى ئاساس قىلغان ھالدا ھەمكارلىق ۋە بىرلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى قەيت قىلىپ ئۆتتى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار سۆز قىلىپ، قۇربان ھېيت ۋە قۇربانلىق قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى، بۇنى ھەقىقىي مەنىدە چۈشىنىشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ قېتىملىق ھېيتلىق پائالىيىتىگە ئوخشاش يىغىلىشلارنىڭ ئەمەلىيەتتە مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە نىسبەتەن ئاز ئۇچرايدىغان بىر نېمەت ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا مىللىي مەۋجۇتلۇق ۋە مىللىي كۈچنى نامايان قىلىدىغان بىر پۇرسەت ئىكەنلىكىنى، بۇنى چوقۇم قەدىرلەش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى ئاتاۋۇللاھ خەلپەت ھاجىم سۆز قىلىپ، قۇربان ھېيتنىڭ پەزىلىتى ۋە بىر قىسىم مۇھىم ئەھكاملىرى ھەققىدە توختالدى ۋە بۇ ئالاھىدە كۈنلەردە ھەربىر شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلماننىڭ ئۆز مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن تەشكىللەنگەن تۈرلۈك ھەرىكەتلەرگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئارقىدىن جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلىپ، قۇربان ھېيتتەك بۇ قۇتلۇق كۈنلەردە خىتايغا قارشى مۇجادىلىگە ئۆزىنى بېغىشلاش، پىداكارلىق كۆرسىتىش روھىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى قايتا تەكىتلەيدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ قورقىۋاتقىنىمۇ دەل بۇ روھ ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىززىتى ۋە شەرىپىنىڭ ئەمەلىيەتتە پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىنىڭ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ۋە شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ ئىززىتى ۋە شەرىپى ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان مۇجادىلىسىنى قىلچە ئۈمىدسىزلەنمەستىن داۋاملاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن بۈگۈنكى ھېيتلىشىش پائالىيىتىگە كەلگەن نەچچە يۈزلىگەن ئۆسمۈرلەرگە بىر-بىرلەپ ھېيتلىق بېرىپ، ئۇلارغا ھېيت خۇشاللىقى ۋە ئەنئەنىسىنى ھېس قىلدۇردى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ كېلىۋاتقان يازغۇچى، ژۇرنالىست خالىس ئۆزدەمىر سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە، خۇسۇسەن ياشلارغا خىتاب قىلدى. ئۇ نۇتقىدا ياشلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەرۋاقىت تەييار تۇرۇشى كېرەكلىكىنى، بولۇپمۇ ئىلىم-پەن، تېخنىكا ساھەسىدە ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەكلىكىنى، بۈگۈنكىدەك بىر دەۋردە خىتاينىڭ زۇلۇمىنى توختىتىش، دۇنياغا ئاۋازىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن بىلىمگە تايىنىشنىڭ تولىمۇ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ ئۆتتى. ئۇ يەنە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي، دىنىي كىملىكىنى ياخشى قوغدىشى، ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىشتىن ساقلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن يەسەۋىي ئالپەرەنلەر جەمئىيىتى رەئىسى كۈرشات مىجان قىسقىچە سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ھېيتلىق سالىمى ۋە كۆڭۈل سۆزىنى يەتكۈزدى.

پائالىيەت داۋامىدا بىر تۈركۈم ئۆسمۈرلەر ئىسلام، ۋەتەن، مىللەت كۈيلەنگەن تۈرلۈك شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلىپ، مېھمانلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا يەنە ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن زېھىن سىناش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە قىزغىنلىق بىلەن قاتناشقان ئۆسمۈرلەر سوئاللارغا تالىشىپ جاۋاب بېرىشتى ۋە نەتىجىگە ئېرىشكەنلەرگە مۇكاپات تارقىتىپ بېرىلدى.

تەشكىلاتلار بىرلىكى ئىستانبۇلدا ھەر يىلى روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت كۈنلىرىدە كوللېكتىپ ھېيتلىشىش پائالىيىتى تەشكىللەپ كەلگەن بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىي، مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى نامايان قىلىش، بىرلىكىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈنۈملۈك رول ئويناپ كەلمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1434 قېتىم كۆرۈلدى
12/07/2022 00:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق