خېنەن ئۆلكىسىدىكى نامايىش قاتتىق باستۇرۇلدى

خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسى جېڭجۇ شەھىرىدىكى مىڭدىن ئارتۇق خىتاي پۇقراسى بانكىنىڭ ئامانەت قويغۇچىلارغا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغانلىقى سەۋەبلىك، ئامانەت قويغۇچىلار ھوقۇقىنى قوغداش ھەققىدە نامايىش قىلغان. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى نامايىشنى قاتتىق باستۇرغان بولۇپ، نۇرغۇن كىشى يارىلانغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خېنەن ئۆلكىسى جېڭجۇ شەھىرىدىكى ئامانەت قويغۇچىلار بانكا تەرەپنىڭ توختامغا ئەمەل قىلمىغانلىقى ۋە ئۆز ئامانەت پۇللىرىنى ئالالمىغانلىقى سەۋەبلىك بانكا ئۈستىدىن تۆتىنچى قېتىم يۇقىرىغا ئەرز سۇنغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ تەلەپلىرى ھەل بولمىغان. غەزەپلەنگەن مىڭلىغان كىشى 10-ئىيۇل جېڭجۇ شەھىرىدىكى خىتاي خەلق بانكىسىنىڭ ئالدىدا يىغىلىپ نامايىش قىلغان. ئۇلار كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدىكى پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ، خېنەن ئۆلكىلىك بانكا دائىرىلىرىنىڭ قانۇنسىز ھەرىكىتى ۋە چىرىكلىشىش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

يەرلىك دائىرىلەر نامايىشچىلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن ساقچىلارنى ۋە شۇنداقلا قارا، ئاق رەڭلىك پۇقراچە كىيىم كىيگەن نامەلۇم كىشىلەرنى ئىشقا سالغان. بۇ جەرياندا بەزى نامايىشچىلار يارىلانغان، بەزى نامايىشچىلار ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. نەق مەيداندىن تارتىلغان بىر قىسىم سىنلار خەلقئارالىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا تارقىلىپ، زور غۇلغۇلا قوزغىغان. شۇ كۈنى شۇ جاي ۋاقتى سائەت 13:30 ئەتراپىدا نامايىش مەيدانى تازىلانغان. يەرلىك ھۆكۈمەت ئارقىدىنلا بىر جىنايەت گۇرۇھىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇخبىرلار بۇ مەسىلە ھەققىدە خىتاي ساقچى دائىرىلىرى بىلەن دەرھال ئالاقىلاشقان بولسىمۇ، بۇ ھەقتە مەلۇمات ئالالمىغان.

نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى جېڭجۇدىكى پۇل ئامانەت قويغۇچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ھەرىكىتى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى چەكلىگەن. ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىمۇ نامايىشقا مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ئۆچۈرۈلگەن بولۇپ، ئۈندىداردا تارقالغان بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارمۇ دائىرىلەر تەرىپىدىن توسۇۋېتىلگەن.

ئەمما چەت ئەلدىكى بىر قىسىم تور مەشھۇرلىرى بۇ مەسىلىگە باشقىچە قارىغان بولۇپ، ئۇلار خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆز پۇلىنى قوغداش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، خىتاي جەمئىيىتىنىڭ بۇ ھالەتكە كېلىشىدە خىتاي پۇقرالىرىنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 725 قېتىم كۆرۈلدى
12/07/2022 22:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق