خىتاي تاراتقۇلىرى ۋىرۇس ھەققىدە يەنە بىر قېتىم بۇرمىلانغان خەۋەر تارقاتتى

خىتاي ۋىرۇسىنىڭ باش مەنبەسى بولغان خىتاي ئىزچىل ھالدا پۈتۈن دۇنياغا ئاپەت بولغان بۇ ۋىرۇسنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تارقىلىشىدىكى مەسئۇلىيىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەنىدى. خىتاي تاراتقۇلىرى ئالدىنقى كۈنلەردە خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ئەسلى مەنبەسى ھەققىدە يەنە بىر قېتىم بۇرمىلاپ تەييارلانغان يالغان خەۋەر تارقاتتى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ فىرانسىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى 12-ئىيۇل تىۋىتتېر ھېسابىدا خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بىر خەۋىرىنى ھەمبەھرىلىگەن بولۇپ، يازمىدا بىر ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسنىڭ خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ئامېرىكىدىكى تەجرىبىخانىدا پەيدا بولغانلىقىنى كېسىپ ئېيتقانلىقى دەۋا قىلىنغان. ھالبۇكى، خىتاي بۇ قېتىممۇ بۇرمىلاپ تەرجىمە قىلىش ھىيلىسىنى ئىشقا سالغان.

خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىس داڭلىق خەلقئارالىق تېببىي ژۇرنال «The Lancet» نىڭ خىتاي ۋىرۇسى كومىتېتى رەئىسى جېفرىي ساكس بولۇپ، ئۇ بۇندىن ئىلگىرى ئىسپانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر ئىلمىي يىغىندا: «مەن ۋىرۇسنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدىن ئەمەس، بەلكى ئامېرىكىنىڭ تەجرىبىخانا بىيوتېخنىكىسى ئارقىلىق پەيدا بولغانلىقىغا تولۇق ئىشىنىمەن» دېگەن. ئۇ بۇ سۆزىدە خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ بىيوتېخنىكىسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق پەيدا بولغانلىقىنى كۆزدە تۇتقان بولۇپ، بۇندىن نەچچە ئاي بۇرۇن ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىسىدىمۇ خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئامېرىكا تېخنولوگىيەسىنى ئىشلىتىپ، خىتاي ۋىرۇسىنى ياساپ چىققانلىقىنى ئاساسىي جەھەتتىن جەزملەشتۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ھالبۇكى، خىتاي تاراتقۇلىرى ئۇنىڭ سۆزىنى تەرجىمە قىلغاندا ھەقىقىي مەقسىتىنى بۇرمىلاپ: «ۋىرۇس تەبىئەت دۇنياسىدىن ئەمەس، ئامېرىكىنىڭ بىيوتېخنىكا تەجرىبىخانىسىدا پەيدا بولغان» دەپ ئالغان. بۇ خەۋەر خىتاينىڭ چوڭ ئورگان تاراتقۇلىرىدا «ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچى ۋىرۇسىنىڭ ئامېرىكا تەجرىبىخانسىدىن چىققانلىقىنى جەزملەشتۈردى» دېگەن تەرىقىدە خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، چەت ئەلدىكى دىپلوماتلىرىمۇ بۇنى رەسمىي ھېسابلىرىدا ھەمبەھرىلىگەن.

بۇ خىتاي ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ كۆپ قېتىم تەكرارلاپ كەلگەن تاكتىكىلىرىدىن بىرى بولۇپ، خىتاي باشقا دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ، خەلقئارالىق ئەمەلدارلارنىڭ، تەتقىقاتچىلارنىڭ سۆزلىرىنى بۇرمىلاش ياكى قەستەن خاتا تەرجىمە قىلىش، ھەتتا مەۋجۇت بولمىغان «مۇتەخەسسىسلەر»نى ئويدۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق، ساختا تەشۋىقاتلىرىغا كوزىر قىلىپ ئىشلىتىپ كەلمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ي، قۇرۇم

بۇ خەۋەر 648 قېتىم كۆرۈلدى
12/07/2022 22:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق