ياپونىيەدىكى يېڭى يۈزلىنىش خىتاينى ئەندىشىگە سالماقتا

ياپونىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى لىبېرال دېموكراتچىلار پارتىيەسى بۇ قېتىملىق سايلامدا يېرىمدىن ئارتۇق كېڭەش پالاتا ئەزالىقى ئورنىنى ئىگىلىگەندىن باشقا، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەرەپدارلىرىمۇ كېڭەش پالاتاسىدا كۆپ سانلىق ئورۇنغا ئېرىشكەن بولۇپ، ياپونىيەدىكى بۇ يۈزلىنىش خىتاينى ئەندىشىگە سالغان.

ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ 26-نۆۋەتلىك كېڭەش پالاتاسى سايلىمىغا ئاۋاز بېرىش نەتىجىسى 11-ئىيۇل سەھەردە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، نەتىجىدە ھاكىمىيەت بېشىدىكى لىبېرال دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتلىرى كېڭەش پالاتاسىنىڭ يېرىمدىن ئارتۇق ئورنىغا ئېرىشكەن. بۇنىڭدىن باشقا خىتاينى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان يەنە بىر يۈزلىنىش بولسا، ياپونىيە ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەرەپدارلىرى كېڭەش پالاتاسىدا ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن كۆپرەك ئورۇنغا ئېرىشكەن. بۇنداق بولغاندا ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەكلىپى ئاسانلا كۆپ سانلىقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدىكەن.

خىتاي ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان ياپونىيەنىڭ ئۇرۇشتىكى مەغلۇبىيىتىنى، شۇنداقلا خەلقئارا قانۇننى تۇتقا قىلىپ، ياپونىيەنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشى ۋە ئارمىيە ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن توسقۇنلۇق قىلىپ كەلگەن. ياپونىيە بولسا يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئەتراپىدىكى سىنكاكو ئارىلىنىڭ ئۆز زېمىنى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتە چىڭ تۇرغان ھەمدە ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەمكارلىق ۋە شېرىكلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. ياپونىيەنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى خالىمايدىغان خىتاي ياپونىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلمىسىدىكى بۇ يېڭى يۈزلىنىشتىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 12-ئىيۇل كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەندىشىسىنى ئاشكارىلىغان. ئۇ جاۋابىدا خىتاينىڭ ياپونىيە بىلەن بىرلىكتە خىتاي-ياپونىيە تۆت سىياسىي ھۆججىتىدە بېكىتىلگەن تۈرلۈك پىرىنسىپلارغا ئاساسەن، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن باشقا: «تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ياپونىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش مەسىلىسى خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى تارتماقتا. بىز ياپونىيەنىڭ تارىخىي ساۋاقلارنى ئەستايىدىل قوبۇل قىلىپ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇشىنى، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەنلەرنى دەۋا قىلغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 843 قېتىم كۆرۈلدى
12/07/2022 22:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق