تاراتقۇلار: شى جىنپىڭ بۇ قېتىملىق قۇرۇلتايدا ئۆزىنى داھىي دەپ جاكارلىماقچى

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 20-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى بۇ يىل كۈزدە ئېچىلىدىغان بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ داۋاملىق تەختتە ئولتۇرۇپلا قالماي، ئۆزىنى ماۋزېدۇڭغا ئوخشاش «داھىي» دەپ جاكارلايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

خوڭكوڭ تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، شى جىنپىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا قايتىدىن تەختكە ئولتۇرىدىكەن. ئۇندىن باشقا ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۆزىنى «پارتىيەنىڭ يادروسى»، «باش ھەربىي قوماندان» دېگەن ناملار بىلەن ئاتاپ كەلگەن شى جىنپىڭ بۇ قېتىم ئۆزىنى رەسمىي ھالدا «داھىي» دەپ ئاتايدىكەن. بۇنىڭ بىلەن خىتايدا ئاتالمىش «بىر پارتىيە ھۆكۈمرانلىقى ۋە بىر داھىي يېتەكچىلىكىنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقى» تەشۋىقات شوئارىغا ئايلىنىدىكەن.

شى جىنپىڭنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش جەريانى ئاستا-ئاستا ئىجرا قىلىنغان بولۇپ، 2016-يىلى 10-ئايدا شى جىنپىڭ «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يادروسى» دەپ بېكىتىلگەن، 2017-يىلى 7-ئايدا بولسا «باش ھەربىي قوماندان» دەپ ئاتالغان. 2018-يىلى 3-ئايدا ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، خىتاي رەئىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسلىرىنىڭ ئەڭ كۆپ بولغاندا ئىككى قېتىم ۋەزىپىگە ئولتۇرىدىغانلىقىغا ئالاقىدار ماددىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. بىر قىسىم سىياسەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ ئۆزىنى «داھىي» دەپ جاكارلىغان تەقدىردە، كېيىنچە ئۇ تەختتىن چۈشكەن تەقدىردىمۇ، خىتايدىكى تەسىرى ۋە كۈچى يەنىلا ھەممىدىن يۇقىرى تۇرىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغا قەدەر خىتاي كومپارتىيەسى تارىخىدا نەچچە ئون مىليونلىغان كىشىنىڭ تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان ماۋزېدۇڭ ۋە خۇا گوفېڭلا «داھىي» دەپ ئاتالغان ۋە بۇ تەرىقىدە تەشۋىق قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ باش سۈرىتى خىتاينىڭ بارلىق جايلىرىنى قاپلىغان.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 657 قېتىم كۆرۈلدى
13/07/2022 21:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق