ياۋروپادا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈلدى

ئالدىنقى ھەپتە رۇمىنىيە پايتەختى بۇخارېستتا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ 22-نۆۋەتلىك ئىستىخبارات ۋە بىخەتەرلىك مۇنبىرى يىغىنىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، دىنىي باستۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك جىنايەتلىرىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈلدى.

7-، 8-ئىيۇل كۈنلىرى بۇخارېستتا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر خەلقئارالىق يىغىنغا ئامېرىكا، كانادا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 60 نەچچە دۆلەتتىن دۆلەتتىن 300 دىن ئارتۇق دۆلەت ئەربابلىرى، سىياسىيونلار، پائالىيەتچىلەر ۋە ژۇرنالىستلار قاتناشقان. ئۇندىن باشقا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم تەكلىپ بىلەن ئىشتىراك قىلغان ۋە سۆز قىلغان.

مەزكۇر يىغىن ئاساسلىقى ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە ئۇنىڭ دۇنياغا كۆرسەتكەن ۋە كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، نۇرغۇنلىغان دۆلەت رەھبەرلىرى بۇ تېمىنى چۆرىدىگەن ئاساستا سۆز قىلغان. نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئۆزىگە بېرىلگەن سۆز پۇرسىتىدە يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا خىتاب قىلىپ، ئۇلارنى ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ دۇنياغا ئېلىپ كەلگەن تەھدىتىگىمۇ سەل قارىماسلىققا، ھازىردىن تارتىپ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇنىڭغا قارىتا چارە-تەدبىر كۆرۈشكە چاقىرغان.

روشەن ئابباس خانىممۇ يىغىندا سۆز قىلىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ زور تۈركۈمدە جازا لاگېرى تەسىس قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما دۇنيادىكى كۆپلىگەن سىياسىيونلارنىڭ، مەشھۇر شەخسلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە كەلگەندە سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋالغانلىقىنى، خىتايدىن كېلىۋاتقان مەنپەئەتنىڭ ئاقىۋەتتە ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتكەن ۋە ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان.

بۇ خەۋەر 740 قېتىم كۆرۈلدى
13/07/2022 21:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق