دوكلات: دۇنيا نوپۇسى سەككىز مىلياردتىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن

11-ئىيۇل دۇنيا نوپۇس كۈنى بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئورگان تورىدا «دۇنيا نوپۇسىنىڭ 2022-يىلىغا نەزەر» ناملىق دوكلاتنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا دۇنيا نوپۇسىنىڭ بۇ يىل 11-ئايدا سەككىز مىلياردتىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىنلىكى قەيت قىلىندى.

مەزكۇر يېڭى دوكلاتتا مۆلچەرلىنىشىچە، دۇنيا نوپۇسى 2030- ۋە 2050-يىلى ئايرىم-ئايرىم ھالدا تەخمىنەن 8 مىليارد 500 مىليون ۋە 9 مىليارد 700 مىليونغا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن. 2080-يىلىغا بارغاندا بولسا تەخمىنەن 10 مىليارد 400 مىليونغا يېتىپ، بۇ ئەسىر ئاخىرلاشقۇچە بۇ سەۋىيەنى ساقلاپ قالىدىكەن. ھىندىستاننىڭ نوپۇسى 2023-يىلى خىتاينىڭكىدىن ئېشىپ، دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئايلىنىدىكەن.

دوكلاتتا يەنە نۇرغۇن دۆلەتلەردە تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى، بۇ سەۋەبلىك دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى 2020-يىلى %1 تۆۋەنلەپ، 1950ـ يىلىدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئىش بولۇپ قالغانلىقىنى، 2022-يىلىدىن 2050-يىلىغىچە 61 دۆلەت ۋە رايوننىڭ نوپۇسىنىڭ %1 ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ئازىيىدىغانلىقى، بۇ مەزگىلدە كونگو، مىسىر، ئېفىيوپىيە، ھىندىستان، نىگېرىيە، پاكىستان، فىلىپپىن ۋە تانزانىيەدىن ئىبارەت سەككىز دۆلەتنىڭ نوپۇسى كۆپىيىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

دوكلاتتا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، 2050-يىلى دۇنيا بويىچە 65 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى نوپۇسنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى 2022-يىلىدىكى 10% تىن 16% كە ئۆرلەيدىكەن. بۇنداق بولغاندا دۇنيا بويىچە 65 ياشتىن يۇقىرى ياشانغانلار نوپۇسىنىڭ سانى بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلار سانىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن كۆپرەك بولىدىكەن.

دوكلاتتا 2019-يىلى ئىنسانلارنىڭ مۆلچەردىكى ئوتتۇرىچە ئۆمرىنىڭ 72.8 ياش بولغانلىقى، بۇنىڭ 1990-يىلىدىكىدىن توققۇز ياشقا يېقىن ئۆرلىگەنلىكى، لېكىن بۇ سانلىق مەلۇمات 2021-يىلى 71 ياشقا تۆۋەنلىگەنلىكى، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدىن بولغانلىقى قەيت قىلىنغان. دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا 2050-يىلى دۇنيا بويىچە ئىنسانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىنىڭ تەخمىنەن 77.2 ياشقا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 851 قېتىم كۆرۈلدى
13/07/2022 22:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق